- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
مىسىر رۇسىيەنى ھەربىي بازا بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئىنكار قىلدى
2016.10.12 14:58 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
مىسىر زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى ئەلى يۈسۈپ 10- ئۆكتەبىر بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: مىسىر ئۆز دۆلىتى زېمىنىدا ھەر قانداق چەتئەل ئارمىيەسىنىڭ بازا قۇرۇشىنى رەت قىلىدۇ،
ئۇ باياناتىدا رۇسىيەدە چىقىدىغان خەۋەرلەر گېزىتىنىڭ شۇ كۈنى مىسىرنىڭ رۇسىيەنى ھەربىي ئىشلار بازاسى بىلەن تەمىنلىمەكچى بولغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋىرىنى ئىنكار قىلدى. مىسىردە چىقىدىغان ئەل ئېھرام گېزىتى مىسىر ئارمىيە تەرەپ ئەربابىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: مىسىر ھەر قانداق دۆلەتنىڭ ئۆز زېمىنىدا ھەربىي ئىشلار بازىسىنى تەسىس قىلىشنى رەت قىلىدۇ، بۇ مىسىر ھۆكۈمىتىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش پىرىنسىپىغا خىلاپ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر