باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدا ئېغىر كېسەللەر داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ ئاتچوت قىلىنىش نىسبىتى ئاشۇرۇلۇپ %50تىن كۆپ بولماقچى

2016.10.13 12:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان شەھەر-يېزا ئاھالىلىرى ئېغىر كېسەل بولۇپ، يۇقىرى سوممىلىق داۋالىنىش چىقىمى تۆلىگەندە، ئۇلارنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئاتچوت قىلىنغاندىن كېيىن، شەخس ئۆزى ئۈستىگە ئالىدىغان داۋالىنىش خىراجىتى ئېغىر كېسەللەر سۇغۇرتىسىدىن نىسبەت بويىچە تولۇقلاپ بېرىلىدۇ. بۇ يىل ئېغىر كېسەللەر سۇغۇرتىسىنىڭ چىقىم قىلىنىش نىسبىتى % 50تىن يۇقىرى بولىدۇ .

  يېقىندا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ «شەھەر -يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئېغىر كېسەللەر سۇغۇرتىسى خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش توغرىسىدا پىكىر» ئېلان قىلىندى ھەمدە يولغا قويۇلۇشقا باشلىدى. مەزكۇر«پىكىر»دە كۆرسىتىلىشىچە، ئېغىر كېسەللەر سۇغۇرتىسىنىڭ كاپالەت دائىرىسى شەھەر-يېزا ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بىلەن جىپسىلاشتۇرۇلۇپ، كىلىنىكىلىق داۋالاش ئۈنۈمى ئېنىق، لېكىن باھاسى قىممەت بولۇشتەك ئالاھىدە دورا ۋە داۋالاش مۇلازىمەت تۈرلىرى شىنجاڭدا كېلىشىش ئارقىلىق بىرلىككە كەلتۈرۈلۈپ، تەدرىجىي ھالدا ئېغىر كېسەللەر سۇغۇرتىسى چىقىمى دائىرىسىگە كىرگۈزۈلىدۇ؛ داۋالىنىش خىراجىتىنىڭ يۇقىرى ۋە تۆۋەن بۆلىكى بويىچە ئېغىر كېسەللەر سۇغۇرتىسىدىن نىسبەتلىك چىقىم قىلىش يۈرگۈزۈلىدۇ، داۋالىنىش خىراجىتى چىقىمى قانچە يۇقىرى بولسا، ئاتچوت قىلىنىش نىسبىتى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ؛ يېزا رايونىدا ئارخىپى تۇرغۇزۇلۇپ كارتا تارقىتىلغان نامرات ئاھالىلەر ۋە شەھەر-يېزىلاردىكى ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار بېقىلىدىغان خادىملار، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولغۇچىلار دېگەندەك كىشىلەرگە نىسبەتەن مۇۋاپىق كاپالەت بېرىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر