خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11- ئۆكتەبىر چۈشتىن بۇرۇن، سەنشى تەييۈەن پولات-تۆمۈر گۇرۇھىنىڭ بىر يۈك پويىزى تۆمۈريول كۆۋرۈكىگە سوقۇلۇپ كېتىپ، كۆۋرۈكنىڭ يېرىمى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، قۇرامىغا يەتمىگەن بەش بالا يارىلاندى، بۇنىڭ ئىچىدە بىرسىنىڭ يارىسى ئېغىر. نۆۋەتتە، ھادىسە يۈز بەرگەن جاي كۆك رەڭلىك تۈنىكە بىلەن توسۇلۇپ، مېڭىش چەكلەندى. تەييۈەن پولات-تۆمۈر گۇرۇھى خادىملارنى تەشكىللەپ، بۇزۇلغان كۆۋرۈكنى پۈتۈنلەي چاقتى ھەم سەنشى ئۆلكىلىك خەلق دوختۇرخانىسى بىلەن سەنشى تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى 1- دوختۇرخانىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى بىرلىكتە يارىلانغانلارنى قۇتقۇزدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى