باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شېن ۋېيچېنغا بىرىنچى سوتتا مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلدى

2016.10.12 14:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

   خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11- ئۆكتەبىر، جياڭسۇ ئۆلكىسى چاڭجۇ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى ئوچۇق سوت ئېچىپ، جۇڭگو پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ سابىق شۇجىسى ۋە دائىمىي ئىشلار مۇئاۋىن رەئىسى شېن ۋېيچېننىڭ باشقىلاردىن پارا قوبۇل قىلغانلىق دېلوسى ئۈستىدىن ھۆكۈم ئېلان قىلدى ۋە جاۋابكار شېن ۋېيچېننىڭ باشقىلاردىن پارا قوبۇل قىلغانلىق جىنايىتىگە قارىتا مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىش ھۆكۈمى چىقىرىلدى ھەمدە جاۋابكار سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرلۈك مەھرۇم قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، جاۋابكارنىڭ خۇسۇسىي مال-مۈلۈكلىرى مۇسادىرە قىلىندى. شېن ۋېيچېن باشقىلاردىن پارا قوبۇل قىلىش نەتىجىسىدە يىغقان مال-مۈلۈكلەرنىڭ ھەممىسى ئىز قوغلاپ يىغىۋېلىنىپ، دۆلەت خەزىنىسىگە تاپشۇرۇلدى.

  سوتتا قاراپ چىقىش نەتجىسىدە مەلۇم بولۇشىچە، 1992- يىلىدىن 2014- يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا، جاۋابكار شېن ۋېيچېن ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ كۆپ قېتىم جىنايەت سادىر قىلغان. يەنى ئۇ شەنشى ئۆلكىلىك تەنتەربىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى، جىنجۇڭ (ئوتتۇرا شەنشى) رايونى ۋىلايەتلىك پارتكومىنىڭ شۇجىسى، جىنجۇڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، شەنشى ئۆلكىلىك پاتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، تەييۈەن شەھەرلىك پارتكومىنىڭ شۇجىسى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، جۇڭگو پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ۋە دائىمىي ئىشلار مۇئاۋىن رەئىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەندىكى قولايلىقىدىن ھەمدە ھوقۇق ۋە مەرتىۋە تۈپەيلىدىن شەكىللەنگەن قولايلىق شارائىتلىرىدىن پايدىلىنىپ، كارخانا باشقۇرۇش، ئەمەل ئۆستۈرۈش ۋە خىزمەت ئورنىنى يۆتكەپ تەڭشەش قاتارلىق ئىشلاردا ئۆز يېقىنلىرىنىڭ كۆمىچىگە چوغ تارتىپ، قانۇنسىز ھالدا باشقىلاردىن پارا ۋە مال-مۈلۈك قوبۇل قىلغان بولۇپ، ئۇ زاڭ ماللارنىڭ قىممىتىنى خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا 95 مىليون 419 مىڭ 659 يۈەندىن ئارتۇق بولغان.

  چاڭجۇ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى شۇنداق دەپ قارايدۇكى، جاۋابكار شېن ۋېيچېننىڭ قىلمىشىدىن باشقىلاردىن پارا قوبۇل قىلىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. لېكىن، شېن ۋېيچېننىڭ قىلمىشىغا دېلو تۇرغۇزۇلغاندىن كېيىن، جاۋابكار سوراق جەريانىدا ئۆزىنىڭ جىنايى قىلمىشىنى راستچىللىق بىلەن ئىقرار قىلدى ھەمدە مەزكۇر دېلوغا مەسئۇل ساقچى خادىملار تەرىپىدىن تېخى ئىگىلەنمىگەن مۇتلەق كۆپ قىسىم پارا ئېلىش جىنايەت پاكىتلىرىنى ئۆزى ئاكتىپلىق بىلەن ئىقرار قىلدى؛ سادىر قىلغان قىلمىشلىرىغا ئىقرار بولۇش ۋە تۆۋە قىلىش پوزىتسىيەسىدە بولۇپ، زاڭ ماللارنى ئاكتىپلىق بىلەن تاپشۇردى. جاۋابكارنىڭ بۇ خىل ئىپادىلىرى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئەھۋالغا قاراپ يېنىكلىتىپ جازا بېرىشكە بولىدىغان ماددىلارغا ئۇيغۇن كېلىدىغان بولغاچقا، قانۇن بويىچە يېنىكلىتىپ جازا بېرىشكە بولىدۇ، دەپ قارالدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر