باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«بەش خىل كىنىشكىنى بىرلەشتۈرۈش» ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا قاتنىشىدىغان ئورۇنلارنى تىزىملاش مۇشۇ ئايدىن باشلاپ ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلىدۇ

2016.10.12 14:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ يېڭىدىن قۇرۇلغان كارخانىلار سودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئورۇنلىرىغا تىزىملاتقاندا، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئىشلىرىنى بېجىرىش ئاپپاراتلىرى سودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى يوللىغان ئالاقىدار كارخانىنىڭ تىزىملىتىش ئۇچۇرىنى بىۋاسىتە كۆرەلەيدۇ ھەمدە بۇ ئۇچۇر ئارقىلىق كارخانىلارنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا تىزىملىتىشىنى تەڭ قەدەمدە ئېلىپ بارىدۇ. 1- ئۆكتەبىردىن بۇرۇن سودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئورۇنلىرىغا تىزىملىتىپ بولغان كارخانا ۋە دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىغا قارىتا، «بەش كىنىشكىنى بىرلەشتۈرۈش، بىر كىنىشكىگە بىر كود بولۇش» تىزىملاش تۈزۈمى بويىچە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تىزىملاش كىنىشكىسى باشقۇرۇلىدۇ. بۇ، «سانلىق مەلۇماتلارنى توردا يوللاش» ئارقىلىق «كارخانىلارنىڭ يولنى ئاز مېڭىشى»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىسلاھاتنىڭ پايدىسىنى جەمئىيەتكە يەتكۈزىدۇ.

  «بەش خىل كىنىشكىنى بىرلەشتۈرۈش» دېگەنلىك، تىجارەت كىنىشكىسى، تەشكىلىي ئاپپارات كود گۇۋاھنامىسى، باجنى تىزىملىتىش گۇۋاھنامىسى، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تىزىملاش كىنىشكىسى ۋە ئىستاتىستىكا تىزىملاش گۇۋاھنامىسى قاتارلىق بەش كىنىشكىنى بىرلەشتۈرۈپ، «بىر يۈرۈش ماتېرىيال تاپشۇرۇش، بىر جەدۋەلدە تىزىملاش، بىر كۆزنەكتە بېجىرىش» تەك خىزمەت ئەندىزىسىنى كۆرسىتىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ تۈرلۈك ئىسلاھات 1– ئۆكتەبىر مەملىكەت بويىچە يولغا قويۇلغان.

  مۇخبىرنىڭ 11- ئۆكتەبىر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، «بەش خىل كىنىشكىنى بىرلەشتۈرۈش» ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا قاتنىشىدىغان ئورۇنلارنى تىزىملاش خىزمىتى 9- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئورۇنلار ۋە بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدا ئوڭۇشلۇق قانات يايدۇرۇلغان ھەمدە 10- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ ئاپتونوم رايون مىقياسىدا رەسمىي ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلغان.

  كېيىنكى قەدەمدە، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ ئاساسىي سانلىق مەلۇمات ئامبىرى قۇرۇشىغا بىرلەشتۈرۈپ، بىرلىككە كەلگەن ئىجتىمائىي ئىناۋەت كودىنى ئىشلىتىشنى ئومۇميۈزلۈك قېلىپلاشتۇرۇپ، «بىر ئورۇن بىر كود» بولۇشنى پائال ئىشقا ئاشۇرۇپ، «بەش خىل سۇغۇرتىنى بىرلەشتۈرۈش» ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرىش ئەندىزىسى قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئومۇمىي خەلق سۇغۇرتىغا قاتنىشىش پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر