- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
جۇ خەيلۇن ھەيدەكچىلىك قىلىپ تەكشۈرۈش، يوشۇرۇن تەكشۈرۈش خىزمىتى ئەھۋالىدىن بېرىلگەن دوكلاتنى ئاڭلىدى
باش نىشاننى چۆرىدەپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشقا ھەيدەكچىلىك قىلىش كېرەك
2016.10.12 14:28 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جۇ خەيلۇن 11 - ئۆكتەبىر چۈشتىن بۇرۇن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلىپ، ئۈچ ھەيدەكچىلىك قىلىپ تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ۋە 14 يوشۇرۇن تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ خىزمەت ئەھۋالىدىن بەرگەن دوكلاتىنى ئاڭلاپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھەيدەكچىلىك قىلىپ تەكشۈرۈش، يوشۇرۇن تەكشۈرۈش خىزمىتىنى مۇزاكىرە قىلىپ ئورۇنلاشتۇردى.
يىغىندا ھەيدەكچىلىك قىلىپ تەكشۈرۈش گۇرۇپپىلىرى ۋە يوشۇرۇن تەكشۈرۈش گۇرۇپپىلىرىنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمەت نەتىجىلىرى مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى. ھەيدەكچىلىك قىلىپ تەكشۈرۈش گۇرۇپپىلىرى ۋە يوشۇرۇن تەكشۈرۈش گۇرۇپپىلىرى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇھىم نۇقتىنى زىچ چۆرىدىگەن ئاساستا يوشۇرۇن تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قايتا تونۇشى، قايتا ئۆگىنىشىگە تۈرتكە بولۇپ، بېسىم شەكىللەندۈرۈپ، خەۋپلىك ئاجىز نۇقتىلارنى تېپىپ چىقىپ، جايلارنىڭ تۈزەش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە كۈچلۈك تۈرتكە بولۇپ، جايلاردىكى كادىرلار ئىستىلىنىڭ كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇ يىللىق ئىجتىمائىي ئومۇملۇقنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاشتا مۇھىم رول ئوينىدى.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: بۇ نۆۋەتلىك يوشۇرۇن تەكشۈرۈش خىزمىتى ئاپتونوم رايوننىڭ شىنجاڭ خىزمىتى ئومۇمىي نىشانىنى چۆرىدەپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشتىكى مۇھىم تەدبىرى، يوشۇرۇن تەكشۈرۈش خىزمىتىدە مەسىلىنى ھەل قىلىش يۆنىلىشىدە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇلدى، يوشۇرۇن تەكشۈرۈش گۇرۇپپىلىرى ئەستايىدىل مەسئۇل بولۇپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، جايلاردىكى كادىرلارنىڭ ئىستىلىنى ياخشىلىشىغا تۈرتكە بولدى، يوشۇرۇن تەكشۈرۈش شەكلى، ئۇسۇلىدا ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، يوشۇرۇن تەكشۈرۈشنى جانلىق، كۆپ خىل قانات يايدۇردى، يوشۇرۇن تەكشۈرۈش گۇرۇپپىلىرى ئۆز قۇرۇلۇشىغا ئەھ−مىيەت بېرىپ، ئىنتىزامغا قاتتىق رىئايە قىلىپ، ياخشى تەجرىبىلەرنى قولغا كەلتۈردى.
يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھەيدەكچىلىك قىلىپ تەكشۈرۈش، يوشۇرۇن تەكشۈرۈش خىزمىتى باشلىنىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇشنى چۆرىدەپ، يوشۇرۇن تەكشۈرۈشتە جايلارنىڭ مۇقىملىقنى ساقلاش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، تور باشقۇرۇش، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئۇلىنى مۇستەھكەملەش، ئاممىنى تولۇق سەپەرۋەر قىلىش قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى مۇھىم نۇقتا قىلىش، شۇنداقلا ئالدىنقى نۆۋەتلىك يوشۇرۇن تەكشۈرۈش ئەھۋالىنى قايتا تەكشۈرۈش كېرەك.
جاڭ بو، مەنىن زەينىل، ئاپتونوم رايوننىڭ قىسمەن ھەيدەكچىلىك قىلىپ تەكشۈرۈش گۇرۇپپىلىرىنىڭ باشلىقلىرى، يوشۇرۇن تەكشۈرۈش گۇرۇپپىلىرىنىڭ باشلىقلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتناشتى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر