باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شۆھرەت زاكىر ليۇ ۋېيپىڭ بىلەن كۆرۈشتى

شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىدە پەن - تېخنىكىنى كۈچلۈك تىرەك قىلىش كېرەك

2016.10.12 14:27         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر 11 - ئۆكتەبىر جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن باشلىقى ليۇ ۋېيپىڭ بىلەن كۆرۈشتى.

  شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: كۆپ يىللاردىن بۇيان جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭنىڭ پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەش، پەن تەتقىقات سىستېمىسى قۇرۇلۇشى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ئۈچۈن نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ بىلەن ئاكادېمىيە - ئاپتونوم رايون كېڭىشىش مېخانىزمى ئورنىتىپ، «شىنجاڭغا پەن - تېخنىكا ئارقىلىق ياردەم بېرىش» قۇرۇلۇشىنى كۈچەپ يولغا قويۇپ، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى بىلەن شىنجاڭنىڭ ھەمكارلىقىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈردى ھەم ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى ۋە كارخانىلارغا شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات پۇرسىتىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشتا كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىدى. مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىجادىيەتلىك قوزغىتىشنى باشتىن - ئاخىر يەنىمۇ گەۋدىلىك ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا قويۇپ، شىنجاڭنى پەن - مائارىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش، ئىختىساسلىقلارغا تايىنىپ قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسىنى كۈچەپ يولغا قويۇپ، پەن - تېخنىكىنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى تىرەكلىك رولىنى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇردى. ھازىر يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىن ئىبارەت بۇ مۇھىم تەرەققىيات پۇرسىتى ئالدىدا ئىجادىيەتلىك قوزغىتىش تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ داۋاملىق ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قوغداشتا ئالاھىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. شىنجاڭ جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئەۋزەللىكىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئىجادىيەتلىك قوزغىتىش تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى كۈچەپ يولغا قويىدۇ، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ شىنجاڭ بىلەن بولغان ھەمكارلىق ساھەسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، «كارخانا، مەكتەپ، تەتقىقات، پايدىلىنىش» ئارىسىدىكى زىچ ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئەمەلىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچىگە ئايلاندۇرۇش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، شىنجاڭنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇشىنى قوللاپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىدە پەن - تېخنىكىنى كۈچلۈك تىرەك قىلىدۇ.

  ليۇ ۋېيپىڭ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ دۆلەتنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى مۇساپىسىدە ئىنتايىن مۇھىم ئورۇن تۇتقان، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئاپتونوم رايون بىلەن بولغان پەن - تېخنىكا ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ 13 - بەش يىللىق يىرىك پىلانىنىڭ نۇقتىلىق ساھەلىرىدىكى پەن - تېخنىكا ئېھتىياجىنى زىچ چۆرىدەپ، ئاكادېمىيەدىكى پۈتۈن كۈچنى نىشانلىق تەتقىق قىلىپ يارىتىشنى تېزلىتىشكە تەشكىللەپ، تېخىمۇ كۆپ ئىلغار، پىشىپ يېتىلگەن پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنىڭ شىنجاڭغا ئەمەلىي مەنپەئەت يەتكۈزۈشىگە تۈرتكە بولىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر