باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەت بويىچە پۇقرالارنىڭ ئۇچۇرى ئىلىم سېتىم قىلمىشلىرىغا قاتتىق زەربە بېرىلىدۇ

2016.10.12 14:09         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى نازارەت قىلغان، پۈتۈن مەملىكەتتىكى 25 ئۆلكە ، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنىڭ ساقچى ئورگانلىرى بىرلىشىپ تەكشۈرۈشكەن 2015-يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۈنىدىكى پۇقرالارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنى ئېلىپ سېتىش جىنايىتى مەخسۇس دېلوسى يېقىندا پاش قىلىندى، 200 دىن كۆپرەك جىنايەت گۇماندارى تورغا چۈشتى. تېلېگراف ئالدامچىلىقى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئارقا ئارقىدىن كۆرۈلدى، بۇنىڭدىكى تۈپ مەسىلە جىنايەتچى ئۇنسۇرلار زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنى ئىگىلەپ، دەل نىشان بېكىتىپ ئالدامچىلىق قىلغانلىقىدىن بولدى. 2015-يىلى 11-ئايدا شېنياڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى خىزمەت داۋامىدا بەزىلەرنىڭ ئۈندىدار ۋە كيۇكيۇ ئارقىلىق،ئاممىنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنى خالىغانچە سېتىۋاتقانلىقىنى بايقىدى. بۇنىڭ بىلەن شېنياڭ ساقچى ئورگىنى دېلو بېجىرىشكە 200 دىن كۆپرەك ساقچى ئاجرىتىپ، دۆلەت ئىچىدىكى كۆلىمى بىر قەدەر چوڭ بولغان پۇقرالارنىڭ ئۇچۇرى ئېلىم سېتىمى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان توققۇز جىنايەت گۇرۇھىنى بېكىتتى. 2016-يىلى 5-ئايدا مەركەزلىك تۇتۇش ھەرىكىتىنى مەملىكەت بويىچە ماس قەدەمدە قانات يايدۇرۇپ، 201 جىنايەت گۇماندارىنى تورغا چۈشۈردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر