باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

جاڭ دېجياڭ ھەق تەلەپ قانۇنى ئومۇمىي پىرىنسىپ لايىھەسى سۆھبەت يىغىنى ئاچتى

2016.10.12 14:08         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاڭ دېجياڭ تۈنۈگۈن بېيجىڭدا ھەق تەلەپ قانۇنى ئومۇمىي پىرىنسىپ لايىھەسى سۆھبەت يىغىنىنى ئېچىپ، ھەق تەلەپ قانۇنى ئومۇمىي پىرىنسىپ لايىھەسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش ۋە ھەق تەلەپ قانۇن كودىكىسىنى تۈزۈش ئۈستىدە ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ پىكرىنى ئاڭلىدى. سۆھبەت يىغىنىدا مەركەزنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، ئورۇنلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، قىسمەن ئۆلكە ، ئاپتونوم رايون ۋە مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مەسئۇللىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قىسمەن ۋەكىللىرى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ھەق تەلەپ قانۇنى ئومۇمىي پىرىنسىپىنىڭ ئاساسى پىرىنسىپى، ھەق تەلەپ ئىشلىرى ئاساسى گەۋدىسى، ھەق تەلەپ ئىشلىرى ھوقۇقى ۋە ھەق تەلەپ ئىشلىرى مەسئۇلىيىتى قاتارلىق ھەق تەلەپ ئىشلىرى ئاساسىي تۈزۈمىنى چۆرىدەپ ئىلگىرى كېيىن بولۇپ سۆز قىلدى. جاڭ دېجياڭ ئاڭلاپ ئولتۇرۇپ خاتىرە قالدۇردى، كۆپچىلىك بىلەن ئارىلاپ ئارىلاپ سۆھبەتلەشتى. جاڭ دېجياڭ كۆپچىلىكنىڭ پىكرىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پارتىيەنىڭ خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىنىڭ باش مەقسىتىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلقنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇپ، خەلقنىڭ ئارزۇسىغا جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇپ، ھەق تەلەپ ئىشلىرى قانۇن تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئارقىلىق، ھەق تەلەپ ئىشلىرى ئاساسىي گەۋدىسىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق مەنپەئەتىنى قوغداشنى كۈچەيتىش لازىم. ئىلمىي قانۇن تۈزۈش، دېموكراتىك قانۇن تۈزۈشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ پىكرىنى كەڭ دائىرىدە ئاڭلاپ ۋە ئۇنىڭغا ھۆرمەت قىلىپ، قانۇن چىقىرىشنى ماسلاشتۇرۇش ۋە قانۇن چىقىرىشنى كېڭىشىشنى كۈچەيتىپ، ئەڭ زور ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش لازىم.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر