- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
قاناس ئايرودۇرۇمى 9-ئۆكتەبىرىدىن باشلاپ تاقالدى
2016.10.12 14:31 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
قىشلىق ئۇيقۇغا كىرىش قوڭغرىقى چېلىنىشى بىلەنلا قاناس ئاپئاق ‹‹يوتقان››غا كىردى. بۇ، بىر يېڭى پەسلنىڭ قايتىلىنىشى. پادىچىلار بىردە چاڭغىلىرىنى كىيىشىپ، قار ئۈستىدە دۇلدۇلدەك چېپىشسا، بىردە چانىلارغا ئولتۇرۇپ قارلىق دالىدىكى ئورمانلىقتىن شۇڭغۇپ ئۆتۈپ، قارنىڭ خوشاللىقىدىن ھوزۇر تاپىدۇ. بۇ جاينىڭ ھاۋاسى ساپ، بۇلغىنىش ۋە شاۋقۇندىن خالىي بولۇپ، ئاپئاق قار بىلەن قاپلانغان تاغلار، تىنچ ۋە سىرلىق تۈسكە كىرگەن مۇزلۇق كۆل، تىمتاسلىق قوينىغا چۆمگەن كەنت كۆز ئالدىڭىزدا نامايان بولىدۇ.
«1-ئۆكتەبىر» ئالتۇن ساياھەت ھەپتىلىكىنىڭ ئاياغلىشىشىغا ئەگىشىپ، قاناس مەنزىرە رايونىدا قار يېغىپ ھاۋانىڭ سوۋۇشقا باشلاپ، بۇ جايغا كېلىدىغان ساياھەتچىلەر سانى كۆرۈنەرلىك ئازلىدى، بۇ سەۋەبلىك قاناس ئايرودۇرۇمى 9-ئۆكتەبىر رەسمىي تاقالدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ خىلۋەتتىكى ئايرۇدۇرۇم 2016-يىللىق بىخەتەر ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى تاماملاپ، سەككىز ئايلىق «قىشىلىق ئۇيقۇ» ھالىتىگە كىردى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر