باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سوتلاش مەركەز قىلىنغان جىنايى ئىشلار ئەرز تۈزۈمى ئىسلاھاتى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ

2016.10.12 14:10         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى،ئەدلىيە مىنىستىرلىقى يېقىندا سوتلاش مەركەز قىلىنغان جىنايى ئىشلار ئەرز تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىرنى بىرلىشىپ تارقاتتى. بۇ ئېلىمىزنىڭ جىنايەتچىلەرنى قانۇن بويىچە سوتلاش، كىشىلىك ھوقۇققا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، ئەدلىيە ئادىللىقىغا كاپالەتلىك قىلىشتىكى يەنە بىر زور تەدبىرى. پىكىردە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: خەلق سوت مەھكىمىلىرى قانۇن بويىچە ھۆكۈم چىقارمىسا ھەر قانداق كىشىگە جىنايەت بېكىتىشكە بولمايدۇ. قانۇندا بەلگىلەنگەن دەلىل ئىسپات بويىچە كېسىم چىقىرىش تەلىپىنى چىڭىتىش ئىسپاتى بولمىسا جىنايەت ئۆتكۈزۈش پاكىتىنى بېكىتىشكە بولمايدۇ. سوراق قىلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قىستاپ ئىقرار قىلدۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك؛ ھەر قانداق كىشىنى ئۆزىدە جىنايەت بارلىقىنى ئىسپاتلاشقا مەجبۇرلاشقا بولمايدۇ. قىستاپ ئىقرار قىلدۇرۇش، زوراۋانلىق قىلىش، تەھدىت سېلىش قاتارلىق قانۇنسىز ئۇسۇللار بىلەن ئىسپات يىغىش قىلمىشىنى قانۇن بويىچە تۈگىتىش لازىم. پىكىردە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: سوتلاشنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سوتلاش تەرتىپىنىڭ جىنايى ئىشلار ئەرزىيتىدىكى مەركەزلىك ئورنىنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك. جىنايەت بېكىتىلگەن ئەمەلىي دەلىل ئىسپاتلار سوت كوللېگىيەسى ئارقىلىق يۈزلەشتۈرۈپ، تەكشۈرۈش، ئەرز سۇنۇش، سوتلاشتىن ئىبارەت دېلو پاكىت دەلىل ئىسپاتلىرىنىڭ قانۇن تەكشۈرۈشىدىن ئۆتۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش لازىم. پىكىردە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: سوتلاش باسقۇچىدا گۇمانلىق جىنايەتلەرنىڭ يوقلىقىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. جىنايەتنى بېكىتىش دەلىل ئىسپاتلىرى تولۇق بولمىغان دېلولارغا قانۇن بويىچە گۇناھسىز دەپ ھۆكۈم چىقىرىش كېرەك. ئەرز قىلىش باسقۇچىدا ئىككى قېتىم تولۇقلاپ تەكشۈرۈلگەندىن كېيىن، دەلىل ئىسپات يەنىلا تولۇق بولمىسا، ئەرز سۇنماسلىق قارارىنى چىقىرىش كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا پىكىرىدە سوتتا قاراپ چىقىشنى ماھىيەتلەشتۈرۈش، جاۋابكارنىڭ ئاقلاش ھوقۇقىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ،دېلولارنىڭ مۇرەككەپلىرى بىلەن ئاددىيلىرىنى ئايرىش قاتارلىقلارنى ئىلگىرى سۈرۈش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر