- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
شىنجاڭ «قەشقەر كوناشەھەر تائام تەمى» يېمەك - ئىچمەك بايرىمى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە يېمەك - ئىچمەكلىرىنى مەركەزلىك نامايەن قىلدى
2016.10.12 14:55 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10- ئۆكتەبىر، 3- نۆۋەتلىك شىنجاڭ قەشقەر يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى يەرمەنكىسىدە، يەرمەنكە ئۆتكۈزگۈچى تەرەپنىڭ بىرى بولغان قەشقەر كونا شەھەر ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى «قەشقەر كوناشەھەر تائام تەمى» يېمەك - ئىچمەك بايرىمى ئۆتكۈزدى. يېمەك - ئىچمەك بايرىمىدا تونۇر كاۋىپى، ئۆزگىچە راڭپىزا، بېلىق كاۋىپى، سامسا قاتارلىق جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە يېمەك - ئىچمەكلىرى نامايەن قىلىنىپ، نەچچە مىڭلىغان ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى ۋە كۆرگەزمىگە قاتناشقان سودىگەرلەرنى تېتىپ كۆرۈشكە جەلپ قىلدى.
ئىگىلىنىشىچە، پىشۇرۇلغان كالا كاللىسى، كالا پاچىقى، كالا ئىچيۈرۈشى (كالا ئۈچ گۆھىرى) غوجايىنى يۈسۈپجاننىڭ 10-ئۆكتەبىر بىر كۈنلۈك تىجارەت سوممىسى 30 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ كەتكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر