باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىز ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 19 دۆلەت بىلەن ئالىي مائارىپ ئوقۇش تارىخى ۋە ئىلمىي ئۇنۋانىنى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىش كېلىشىمى ئىمزالىدى

2016.10.12 14:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: نۆۋەتتە، ئېلىمىز ياۋروپا ئىتتىپاقى ئاپپاراتى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى 28 ئەزا دۆلەت بىلەن مۇقىم بولغان مائارىپ ئالاماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتتى ھەم فرانسىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، گوللاندىيە، پورتۇگالىيە قاتارلىق ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 19 دۆلەت بىلەن ئالىي مائارىپ ئوقۇش تارىخى ۋە ئىلمىي ئۇنۋانىنى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىش كېلىشىمى ئىمزالاپ، جۇڭگو-ياۋروپانىڭ مائارىپ ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقىدا ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتى شەكىللەندى. بۇ خەۋەرنى مۇخبىر مائارىپ مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىگەن.

  جۇڭگو-ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى مائارىپ مىنىستىرلىرى يىغىنى ۋە 4- نۆۋەتلىك جۇڭگو-ئوتتۇرا شەرق ياۋروپا دۆلەتلىرى مائارىپ سىياسىتى سۆھبىتى 11- ئۆكتەبىر بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى، سۆھبەت قارالمىلىرى: مەكتەپ بىلەن كارخانىلارنىڭ ھەمكارلىشىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش؛ مائارىپ سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، جۇڭگو-ياۋروپانىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ سىجىل تەرەققىياتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش؛ جۇڭگو-ياۋروپانىڭ ئوقۇش نومۇرىنى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو-ياۋروپا ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كۆچۈش تەڭپۇڭلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ مەكتەپلەرنىڭ تەنتەربىيە جەھەتتىكى ئالماشتۇرىشىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو-ياۋروپانىڭ مائارىپ جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقىدىكى يارقىن نۇقتىنى تېپىپ چىقىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر