باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

خىزمەت ئەترىتى ئاھالىلەرنىڭ سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرۈتۈش خىزمىتىدە ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرماقتا

2016.10.12 15:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مالىيە ئىدارىسىدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قەھرىمان تۆمۈر خەۋىرى) مەملىكەتلىك سەھىيە ۋە ساغلاملىق يىغىنىنىڭ روھى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرىتارى چىن چۈەنگونىڭ ئاممىغا داۋالاشتا نەپ يەتكۈزۈشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئاقسۇ شەھەرلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ساغلاملىقىنى تەكشۈرۈش تۈرىنى يولغا قۇيۇشنى قارار قىلغان ۋە 27- سېنتەبىر، ئاقسۇ شەھىرىنىڭ‹2016-يىللىق ھەر مىللەت خەلقىنىڭ سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرۈش تۈرىنى يولغا قۇيۇش چارىسى›نى تۈزۈپ تارقاتقانلىق توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى»نى تارقاتقان ئىدى.

  ئاقسۇ شەھىرى قىزىل كۆۋرۈك كوچا باشقارمىسى توقاي مەھەللىسىگە چۈشكەن «ئۈچ ئەل» خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى خادىملار ئۇقتۇرۇش روھىنى ۋاقتىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش يۈزىسىدىن، مەھەللە سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت مۇلازىمەت پونكىتى خادىملىرى ھەم مەھەللە كادىرلىرى بىلەن بىرگە، 9- ئاينىڭ 30 -كۈنىدىن باشلاپ ئائىلىلەرگە كىرىپ، ھەقسىز تەكشۈرۈش تۈرىنى كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق قىلىش، ئوبيېكتلارنى تۈرگە ئايرىش خىزمىتىنى ئىشلەپ، بىرىنچى باسقۇچلۇق خىزمەتنىڭ ئوڭۇشلۇق تاماملىنىشىغا كۈچ چىقاردى ۋە ئىككىنچى باسقۇچلۇق خىزمەت (10- ئاينىڭ 8- كۈنىدىن 12- ئاينىڭ 20- كۈنىگىچە بولغان تەكشۈرۈپ دىياگنوز قۇيۇش ) نىڭ ئۆلچەملىك، ئومۇميۈزلۈك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنىڭ كونكرېت يوللىرى ئۈستىدە ئىزدەندى.

  توقاي مەھەللە كومىتېتى ئاھالىلەرنىڭ سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرۈش خىزمەت لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقىپ، مەزكۇر رايوننىڭ ئاھالىلەرنى ھەقسىز تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا پۇختا ئاساس سالدى .

  ئىگىلىنىشىچە، ئاقسۇ شەھىرىدە ئاقسۇ نوپۇسىدىكى شەھەر، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ھەر يىلى سالامەتلىكىنى بىر قېتىم ھەقسىز تەكشۈرۈشكە قاتنىشىشى يولغا قويۇلغان بولۇپ، سالامەتلىك تەكشۈرتىدىغانلار جەمئىي 6- تۈرگە (بىرىنچى تۈردىكىلەر، 0-6 ياشقىچە بولغان شەھەر، يېزا ئاھالىلىرى ؛ ئىككىنچى تۈردىكىلەر، 7-14 ياشقىچە بولغان ئوقۇغۇچىلار ؛ ئۈچىنچى تۈردىكىلەر 15-64 ياشقىچە بولغان شەھەر، يېزا ئاھالىلىرى ؛ تۆتىنچى تۈردىكىلەر 65-79 ياشقىچە بولغان شەھەر، يېزا ئاھالىلىرى ؛ بەشىنچى تۈردىكىلەر 80 ياشتىن يۇقىرى شەھەر، يېزا ئاھالىلىرى ؛ ئالتىنچى تۈردىكىلەر، كارخانىدىن پېنسىيەگە چىققان ئىشچى خىزمەتچىلەر) بۆلۈنگەن بولۇپ، تەكشۈرۈشنىڭ كونكرېتنى ئۆلچەملىرى ئايرىم-ئايرىم كۆرسىتىلگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر