سۇداننىڭ مەملىكەتلىك سۆزلىشىش يىغىنى ئىلگىرىلەشلەرگە ئېرىشتى
2016.10.12 14:58 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
سۇداننىڭ مەملىكەتلىك سۆزلىشىش يىغىنى 10- ئۆكتەبىر پايتەخت كاشتۇمدا يېپىلدى، 100دىن كۆپرەك پارتىيە ۋە قوراللىق تەشكىلاتنىڭ ۋەكىلى يىغىنغا قاتناشتى، يىغىندا ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ دۆلەتنىڭ سىياسىي تۈزۈلمىسى، يېڭى ئاساسى قانۇننى بېكىتىش، ئىقتىسادى تەرەققىيات، بايلىقتىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش، دىپلوماتىيە مۇناسىۋىتى قاتارلىق تېمىلاردا ئوتتۇرىغا قويغان 991 تۈرلۈك تەكلىپى قوبۇل قىلىنىپ، سىياسىي ۋە ئاساسى قانۇن ئىسلاھاتى ئۈچۈن يول ئىچىلدى.
يىغىن ھۆججىتى سۇداننىڭ يېڭى ئاساسى قانۇننى تۈزۈشىنىڭ ئاساسى قىلىندى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر