خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تاھىرجان ئاتاۋۇللا خەۋىرى، فوتوسى) قەشقەر ياشانغانلار ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قۇرۇلۇپ ۋىۋىسكا ئېسىش مۇراسىمى يېقىندا قەشقەر ۋىلايەتلىك ياشانغانلار پائالىيەت مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى.
قەشقەر ياشانغانلار ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قۇرۇلۇشى قەشقەر ۋىلايىتىدىكى 40 مىليون 20 مىڭدىن ئارتۇق ياشانغانلارغا نىسبەتەن خۇشاللىنارلىق ئىش بولۇپ، ئۇلارنى زامانىۋى مەدەنىيەتكە يېتەكلەپ، ساغلاملىق سۇپىسى بىلەن تەمىنلەپ، تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى