خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك دۆلەت كارخانىلىرى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى يىغىنى 10- ئۆكتەبىردىن 11- ئۆكتەبىرگىچە بېيجىڭدا ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: پارتىيەنىڭ دۆلەت كارخانىلىرىغا بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش ئارقىلىق دۆلەت كارخانىلىرىنى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئەڭ ئىشەنچلىك تايانچىغا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىجرا قىلىشتا چىڭ تۇرىدىغان مۇھىم كۈچكە، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم كۈچكە، «چىقىرىش» ئىستراتېگىيەسى، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى قاتارلىق زور ئىستراتېگىيەلەرنى يولغا قويۇشتىكى مۇھىم كۈچكە، دۆلەت ئۇنىۋېرسال كۈچىنى زورايتىش، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشتىكى مۇھىم كۈچكە، پارتىيەمىزنىڭ نۇرغۇن يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە ئۇلۇغۋار كۈرەش غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشىدىكى مۇھىم كۈچكە ئايلاندۇرۇش كېرەك. دۆلەت مۈلكىنىڭ قىممىتىنى ساقلاش، ئاشۇرۇشقا، دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشقا، دۆلەت كاپىتالى ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق بولۇش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئىگىلىك باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، دۆلەت كارخانىلىرىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، سەرخىللاشتۇرۇش، زورايتىشتا تەۋرەنمەي قەتئىي چىڭ تۇرۇش كېرەك.
(شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى