خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئالتۇن كۈزدىكى 10 - ئايدا، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ـ قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 10 - شى بېيتۈن شەھىرى تەۋەلىكىدىكى ئېرىتىش دەرياسى ۋادىسى بىر يىل ئىچىدىكى ئەڭ كۆزنى قاماشتۇرىدىغان گۈزەل مەزگىلگە كىردى، ئالتۇن رەڭلىك يوپۇرماقلارنىڭ بىر قىسمى ئوتلاقلارغا چۈشۈپ، كۈزدىكى كالا پادىسىنىڭ جەننىتى بولۇپ قالدى. قۇياش نۇرى ئاستىدا، ئالتۇن رەڭلىك يوپۇرماقلار، غەمسىز ئوتلاۋاتقان كالا پادىلىرى بىرلىشىپ، ئېرتىش دەرياسى بويىىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىگە ئايلاندى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى