باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

چەرچەن ناھىيەسىدە ئائىلە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلار «ئالتۇن كۈز» ئوقۇش ياردىمىگە ئېرىشتى

2016.10.12 15:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (چەرچەن ناھىيەلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىن مەڭلىك ئىمىن خەۋىرى) چەرچەن ناھىيەلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى يېقىندا «ئالتۇن كۈز» ئوقۇش ياردەم پۇلى تارقىتىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ناھىيە تەۋەسىدىكى ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ پەرزەنتلىرىدىن بۇ يىل ئالىي مەكتەپنىڭ تۇلۇق كۇرسقا قوبۇل قىلىنغان يەتتە ئوقۇغۇچىنىڭ ھەر بىرىگە 5000 يۈەندىن، مەخسۇس كۇرسقا قوبۇل قىلىنغان بىر ئوقۇغۇچىغا 3000 يۈەن بولۇپ جەمئىي 38 مىڭ يۈەن ئۇقۇش ياردەم پۇلى تارقىتىپ، ئۇلارنى قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، داۋاملىق تىرىشىپ ئۇقۇشقا ئىلھاملاندۇردى .

  ئىگىلىنىشىچە، ھازىرغا قەدەر چەرچەن ناھىيەسىگە نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان تاڭشەن شەھىرى، ناھىيەلىك ئاياللار بىرلەشمىسى ۋە ناھىيەلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قاتارلىق ئورۇنلار ناھىيە تەۋەسىدىن بۇ يىل ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغان ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا جەمئىي 161 مىڭ يۈەن ئۇقۇش ياردەم پۇلى تارقاتقان بولۇپ، بۇ پۇلدىن 137 ئوقۇغۇچى مەنپەئەتلەنگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر