باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جاڭگالساينىڭ شاپتۇلى، دېھقانلارنىڭ ئاقيولى

2016.10.12 15:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (چەرچەن ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات تەشۋىقات بۆلۈمىدىن پولات نىياز خەۋىرى) چەرچەن ناھىيەسى قۇراملىق يېزىسى جاڭگالساي كەنتى تارىختىن بۇيان ئۆزگىچە تەملىك بولغان شاپتۇلى ئارقىلىق تونۇلۇپ كەلگەن.

  يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بېرى، جاڭگالساي خەلقى بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە ئايلاندۇرۇش، ئىقتىسادىي كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن شاپتۇللۇق باغ كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، سورتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، تېخنىكىلىق پەرۋىش قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، شاپتۇل ھوسۇلنىڭ ئېشىشىنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈردى.

  بىز يېقىندا ناھىيە بازىرىدىن 167 كىلومېتىر، دېڭىز يۈزىدىن 1600 مېتىر ئېگىزلىكتىكى ئوتتۇرا قارا قۇرۇم ئېتىكىگە جايلاشقان چەرچەن ناھىيەسى قۇراملىق يېزىسى جاڭگالساي كەنتىگە كەلدۇق. بۇ يولنىڭ 77 كىلومېتىر قىسمى شېغىل يول، يوللار ئوڭغۇل- دوڭغۇل، كەلكۈن سۈيى بۇزۇۋەتكەن بۆلەكلىرى كۆپ بولغاچقا، 4 سائەتتە كەنتكە يېتىپ باردۇق. كەنت ئېغىزىغا كەلگىنىمىزدە، قۇراملىق يېزىلىق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق رەئىسى مەھەممەت تۇردى بىلەن كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، كەنت مۇدىرى قاۋۇل قۇربان بىزنى ساقلاپ تۇرغان ئىكەن. بىز ئۇلار بىلەن قىزغىن كۆرۈشۈپ، ئۇلارنىڭ يول باشلىشىدا كەنتتىكى تۆمۈر توختىنىڭ ئۆيىگە كىردۇق. 51 ياشلىق تۆمۈر توختى ئۆگزىسىدە شاپتۇل قېقى قۇرۇتۇش ئۈچۈن شاپتۇل يېيىۋاتقان ئىكەن. ئۇ بىز بىلەن قىزغىن كۆرۈشۈپ، ھاياجانلىق ئىچىدە مۇنداق دېدى: جاڭگالساينىڭ شاپتۇلى، دېھقانلارنىڭ ئاقيولى. شاپتۇل بىزنىڭ جاڭگالساي دېھقانلىرىنىڭ بېيىشىدىكى ئاقيولىمىز. مەن ئىلگىرى شاپتۇلغا ئانچە ئىرەن قىلىپ كەتمىگەن ئىدىم، 2004-يىلىدىن باشلاپ توققۇز مو ئېتىزىمنىڭ قىر-ئورەكلىرىگە شاپتۇل كۆچىتى تىككەن ئىدىم، شاپتۇللار ئۈچ يىلدىلا مېۋىگە كىردى. بۇلتۇر شاپتۇل ۋە شاپتۇل قېقىدىن 21 مىڭ يۈەن كىرىم قىلغان، بۇ يىل 23 مىڭ يۈەن كىرىم قىلدىم. بىزنىڭ جاڭگالساينىڭ شاپتۇل قېقىنىڭ تەمى ئۆزگىچە، باشقا ھېچقانداق يەرنىڭ شاپتۇلىنىڭ تەمىگە ئوخشىمايدۇ. بىز بىرنەچچە ئەۋلاد مۇشۇ زېمىندا ياشاپ ئۆتكەن، مېنىڭ دادام 89 ياشتا ئالەمدىن ئۆتتى. دادامنىڭ دېيىشىچە، بوۋاملارمۇ ئازادلىقتىن بۇرۇن بۇ زېمىندا شاپتۇللۇق باغ بىنا قىلغان ئىكەن. شاپتۇل چەرچەن بازىرىدىمۇ بار، ئەمما قاتناش يوق شۇ دەۋرلەردىمۇ چەرچەندىن سودىگەرلەر ئات- ئۇلاغلىق چىقىپ، ئۇن- ياغ قاتارلىق ئىستېمال بۇيۇملىرىغا ۋە كىيىم - كېچەكلەرگە شاپتۇل ۋە شاپتۇل قېقى ئالماشتۇرۇپ كېتىدىكەن. بىز تىككەن بۇ شاپتۇللار ئەنە شۇ ئاتا -بوۋىلىرىمىز نەچچە يۈز يىلدىن بېرى تىككەن شاپتۇللارنىڭ سورتىدۇر. شاپتۇل ۋە شاپتۇل قېقىنىڭ ئۇيغۇر تېبابىتىدىمۇ داۋالاش قىممىتى بار، قۇرۇق ئىسسىقنى ئالىدۇ. كەنتىمىزنىڭ يولى ياخشى بولماسلىق سەۋەبىدىن، شاپتۇللىرىمىزنى كۆڭۈلدىكىدەك پۇل قىلالمىدۇق. كېلەر يىلى يېڭى يول پۈتسە قاتناش راۋانلىشىپ، شاپتۇللىرىمىزنى ياخشى باھادا ساتالايمىز…

  كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، كەنت مۇدىرى قاۋۇل قۇربان شاپتۇل ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بېرى شاپتۇلدىن ئەمەلىي نەپ ئالغان دېھقانلىرىمىز شاپتۇللۇق باغ كۆلىمىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، باشقۇرۇشنى كۈچەيتتى، ھازىرغىچە مېۋىگە كىرگەن شاپتۇللۇق كۆلىمى 280 موغا يەتتى. شاپتۇل ئۆستۈرۈش كەنتىمىزنىڭ جۇغراپىيەلىك شارائىتىغا تولىمۇ ماس كېلىدۇ. كەنتىمىزدىن چىققان شاپتۇللارنىڭ تەمى ئۆزگىچە بولۇپ، باشقا ھەرقانداق جاينىڭ شاپتۇلىنىڭ تەمىگە ئوخشىمايدۇ. بۇ يىل كەنتتىكى دېھقانلارنىڭ شاپتۇل ۋە شاپتۇل قېقىدىن قىلغان كىرىمى 200 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، كەنتىمىزدىكى ھەر بىر ئائىلىگە 3650 يۈەندىن توغرا كەلدى. بىز بۇنىڭدىن كېيىن شاپتۇلنى تېخنىكىلىق باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، شاپتۇللۇق كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، دېھقانلارنى شاپتۇلدىن ئىبارەت بۇ كوزېر مەھسۇلات ئارقىلىق بېيىشقا يېتەكلەيمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر