باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىز تۇغۇلغان نوپۇسىنىڭ جىنسىي نىسبىتى ئۇدا يەتتە يىل تۆۋەنلىدى

2016.10.12 14:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11- ئۆكتەبىر 5- قېتىملىق «خەلقئارا قىزلار كۈنى». دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى ئۆتكۈزگەن «خەلقئارا قىزلار كۈنى»نى خاتىرىلەش ۋە « قىزلار ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش پىدائىيلار ھەرىكىتى» بويىچە دوكلات بېرىش يىغىنىدا، دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ پېيئەن مۇنداق كۆرسەتتى: ئېلىمىز تۇغۇلغان نوپۇسىنىڭ جىنسىي نىسبىتى ئۇدا يەتتە يىل تۆۋەنلەش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

  ۋاڭ پېيئەن مۇنداق دېدى: 2015- يىلى، ئېلىمىز تۇغۇلغان نوپۇسىنىڭ جىنسىي نىسبىتى 113.51گە چۈشۈرۈلۈپ، «12- بەش يىل»نىڭ ئاخىرىدىكىدىن 115 كە تۆۋەنلىتىش نىشانى تاماملىنىپ، 2009- يىلىدىن بۇيان ئۇدا يەتتە يىل تۆۋەنلەش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، قىزلارنىڭ ياشاش، تەرەققىي قىلىش مۇھىتى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى. جىنسلار باراۋەرلىكى بىر تۈرلۈك ئۇزاق مەزگىللىك ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپە بولۇپ، بىراقلا ۋۇجۇدقا چىقىرالايدىغان ئىش ئەمەس، شۇڭا داۋاملىق جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە توغرا كېلىدۇ.

  (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر