باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

دۆلىتىمىزنىڭ توشۇغۇچى راكېتاسىغا نېمە ئۈچۈن «ئۇزۇن سەپەر» دەپ ئىسىم قويۇلغان؟

2016.10.13 14:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۇزۇن سەپەر بىرىنچى نومۇرلۇقتىن ئۇزۇن سەپەر يەتتىنچى نومۇرلۇققىچە، دۆلىتىمىزنىڭ مۇستەقىل تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان توشۇغۇچى راكېتالىرى جۇڭگونىڭ ئالەم قاتنىشى ئىشلىرىنى يېڭى يۈكسەك پەللىگە كۆتۈردى، دۆلىتىمىزنىڭ توشۇغۇچى راكېتالىرىغا نېمە ئۈچۈن «ئۇزۇن سەپەر» دەپ نام بېرىلىدۇ؟ جۇڭگو ئىشچى-دېھقانلار قىزىل ئامىيەسى بېسىپ ئۆتكەن ئۇزۇن سەپەر بىلەن «ئۇزۇن سەپەر» تىپىدىكى راكېتالار ئارىسىدا يەنە قانداق باغلىنىشلىقلار بار؟

  توشۇغۇچى راكېتاغا ئۇزۇن سەپەر دەپ نام بېرىش تاسادىپىيلىق ئەمەس

  1970- يىلى 4- ئاينىڭ 24- كۈنى، دۆلىتىمىز تۇنجى سۈنئىي ھەمراھنى مۇۋەپپەتقىيەتلىك قويۇپ بەردى، سۈنئىي ھەمراھنى توشۇغۇچى راكېتا دەل ئۇزۇن سەپەر بىرىنچى نومۇرلۇق ئىدى. ئۇزۇن سەپەر بىرىنچى نومۇرلۇقنىڭ تەتقىق قىلىپ ياسىلىشىمۇ بىر قېتىملىق ئۇزۇن سەپەر بولۇپ، 1958- يىلىدىن باشلاپ 1970- يىلى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بەرگەنگە قەدەر، نەق 12 يىل ئۆتتى.

  1957- يىلى 10- ئايدا سوۋېت ئىتتىپاقى دۇنيادىكى تۇنجى سۈنئىي ھەمراھنى قويۇپپ بەردى. 1958- يىلى ماۋ زېدوڭ ج ك پ 8- نۆۋەتلىك 2- ئومۇمىي يىغىنىدا، «بىزمۇ سۈنئىي ھەمراھ ياسىشىمىز كېرەك»، دەپ ئوتتۇرىغا قويدى.

  دۆلىتىمىزنىڭ تۇنجى سۈنئىي ھەمراھى «شەرق قىزاردى بىرىنچى نومۇرلۇق»نى قويۇپ بېرىش ئۈچۈن، جۇڭگونىڭ توشۇغۇچى راكېتا تېخنىكىسى تەتقىقات مەھكىمىسى بېيجىڭدا بارلىققا كەلدى، چيەن شۆسېن مەھكىمە باشلىقى بولدى.

  راكېتانى لايىھەلەشنىڭ دەسلىپىدە، كۆپچىلىك راكېتاغا نېمە دەپ ئىسىم قويۇشنى ئويلاشتى. جۇڭگو توشۇغۇچى راكېتا تېخنىكا تەتقىقات مەھكىمىسىنىڭ بىرىنچى ئومۇمىي لايىھەلەش بۆلۈمى باش لايىھەلەش ئىشخانىسىدىكى يولداشلار رەئىس ماۋ زېدوڭنىڭ «يەتتە بوغۇم - ئۇزۇن سەپەر» ناملىق شېئىرىدا ئىپادىلەنگەن قىزىل ئارمىيەنىڭ ئىنقىلابىي نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، بارلىق قىيىنچىلىقلارغا قارىماي، ھىچقانداق خەتەردىن قورقماسلىقتىن قەيسەر ئىرادىسى ۋە توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەش، قۇربان بولۇشتىن قورقماسلىقتەك روھىي جاسارىتىدىن ئىلھام ئېلىپ، دۆلىتىمىز راكېتا ئىشلىرىنىڭ چوقۇم قىزىل ئارمىيەنىڭ ئۇزۇن سەپىرىگە ئوخشاش، ھەرقانداق قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، غەلبىگە يېتىشىگە سىمۋول قىلىپ، راكېتاغا «ئۇزۇن سەپەر» دەپ ئىسىم قويۇش تەكلىپىنى بەردى، ھەمدە يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىككە يوللىدى.

  ئالەم قاتنىشى روھى دەل ئۇزۇن سەپەر روھىنىڭ داۋامى ۋە راۋاجى

  ئۇزۇن سەپەر روھىنىڭ جاسارىتى پەلەكتىن ئاشار، ئۇزۇن سەپەر راكېتالىرى پەلەكتە پەرۋاز قىلار. تۇنجى راكېتا كۆككە ئۆرلىگەن شۇ دەقىقىلەردە، كىشىلەر ئاق رەڭلىك راكېتا ئۈستىدىكى «ئۇزۇن سەپەر» دېگەن ئىككى خەتنى كۆردى.

  80 يىل بۇرۇن، جۇڭگو ئىشچى-دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسى تۈمەن مۇشەققەتلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ، 25 مىڭ چاقىرىملىق ئۇزۇن سەپەرنى تاماملىغان ئىدى. مىللەتنىڭ روھىنى ئۇرغۇتۇشتىكى روھىي مەشئەل بولغان ئۇزۇن سەپەر روھى كىشىلەرنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىكى يېڭى سەپەرگە ئاتلىنىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ كەلمەكتە.

  دۆلىتىمىزنىڭ ئالەم قاتنىشى ئىشلىرى يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ، كىچىكلىكتىن زورىيىشتا، ھەربىر قەدەم تەرەققىياتغا ئالەم قاتنىشى كىشىلىرىنىڭ زور بەدىلى سىڭدۈرۈلگەن. ئۇزۇن سەپەر يولىدىن پەلەككە چىقىش يولىغىچە، باشتىن ئاخىر ئۈزۈلمەس روھ ئەكس ئەتتۈرۈلمەكتە. ئوخشىمىغان ئۇزۇن سەپەر ئوخشاش روھنى نامايان قىلماقتا.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر