خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سۈرەتتە: 12- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىكى بىر سامسۇڭ يانفونلىرىنى سىناپ بېقىش دۇكىنىدا تارتىلغان سامسۇڭ سامان يولى Note7 يانفونلىرى ئېلانى. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، نۆۋەتتە بۇ دۇكاندىكى سامان يولى Note7 يانفونلىرىنىڭ ھەممىسى مال جازىسىدىن ئېلىۋېتىلگەن. سامسۇڭ (جۇڭگو) مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتى 2016- يىلى 11- ئۆكتەبىردىن باشلاپ، جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقى رايونىدا سېتىلغان 190984 دانە (بۇنىڭدىن بۇرۇن ئۇقتۇرۇش قىلىپ تۇنجى قېتىم قايتۇرۇۋالغان 1858 دانە مەھسۇلاتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) SM-N9300 سامان يولى Note7 يانفونلىرىنى قايتۇرۇۋېلىشنى قارار قىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى