باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇش نىزامى» ئېلان قىلىندى

2016.10.13 14:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 10- ئۆكتەبىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇش نىزامى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «نىزام» دېيىلىدۇ) رەسمىي ئېلان قىلىندى، 2016- يىلى 11- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

  «نىزام»دا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: جەنۇبىي شىنجاڭ رايونى (قەشقەر ۋىلايىتى، خوتەن ۋىلايىتى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى)دا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى مائارىپنى يولغا قويۇپ، ئوقۇش ھەققى، دەرسلىك كىتاب ھەققى، ياتاق ھەققى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ؛ ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا تۇرمۇش ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ. كارخانا، كەسپىي ئورۇن، ئىجتىمائىي تەشكىلات ۋە شەخسلەرنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا مەبلەغ سېلىپ مەكتەپ ئېچىشى، مەبلەغ توپلاپ مەكتەپ ئېچىشى ۋە پۇل ئىئانە قىلىپ ئوقۇشقا ياردەم بېرىشىگە ئىلھام بېرىلىدۇ.

  تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچى مائارىپى، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپى ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مائارىپ بويىچە تەربىيەلەشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەر دەرسلىك ۋە دەرس سائىتىنى خالىغانچە كۆپەيتمەسلىكى ياكى ئازايتماسلىقى لازىم، لېكىن يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە كەسپىي مائارىپ دەرسى تەسىس قىلسا بولىدۇ. ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەر يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە كەسپىي ئوقۇتۇش يېتەكچىلىك لايىھەسى، دەرس ئۆلچىمى ۋە مەكتەپ دەرسلىكىنى تۈزسە بولىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئەلا سۈپەتلىك مائارىپ بايلىقىنى جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىغا مايىللاشتۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويىدىغان بولۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدا تولۇق ئوتتۇرا باسقۇچىدىكى مائارىپ خىراجىتىگە كاپالەتلىك قىلىش مېخانىزمىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئورنىتىپ ۋە ئومۇملاشتۇرۇپ، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان جامائەت خىراجىتىدىن تەكشى پۇل ئاجرىتىش مېخانىزمىنى پەيدىنپەي ئورنىتىدىكەن. يەرلىكنىڭ مائارىپ قوشۇمچە كىرىمىنىڭ كەسپىي مائارىپقا ئىشلىتىش نىسبىتى % 30 تىن تۆۋەن بولمايدىكەن.

  مائارىپ تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا ئاساسەن، ياتاقلىق مەكتەپ قۇرۇلۇپ، تارقاق ئولتۇراقلاشقان ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنىڭ مەكتەپكە كىرىپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى مائارىپنى قوبۇل قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىنىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر