باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىدىكى شەكىلۋازلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش تەتقىق قىلىندى

2016.10.13 14:14         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش تەرەققىي قىلدۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ ياڭ 11-ئۆكتەبىر بېيجىڭدا گوۋۇيۈەننىڭ نامراتلارنى يۆلەش تەرەققىي قىلدۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ 12-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىدىكى شەكىلۋازلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى تەتقىق قىلدى، 2016-يىللىق نامراتلارنى يۆلەش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشتىكى تەكشۈرۈش چارلاش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى.

  ۋاڭ ياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: مەركەزنىڭ نامراتلارنى يۆلەش تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتى يىغىنىدىن بۇيان، جايلار، تارماقلار نامراتلارنى دەل يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل قۇتقۇزۇش سالمىقىنى زورايتىپ، نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشتا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى. ئەمما بىر قىسىم جايلار ۋە تارماقلاردا سىياسەت ئەمەلىيلەشمەسلىك، نامراتلارنى يۆلەشتە ھەددىن زىيادە كۆپتۈرۈۋېتىش، قۇرۇق جازا تىكلەش، شەكىلۋازلىق قىلىش مەسىلىلىرى مەۋجۇت بولۇپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئوبرازىغا زىيان يەتكۈزدى، نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشقا پايدىسىز تەسىر يەتكۈزدى. شەكىلۋازلىقنىڭ زىيىنىنى تولۇق تونۇپ، خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدىغان ئاڭنى مەھكەم تۇرغۇزۇپ، شەكىلۋازلىقنىڭ ئىدىيەۋى مەنبەيىنى ئۈزۈپ تاشلاش كېرەك. ئىشنى نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش قىيىن نۇقتىسىدىن باشلاپ، ئاممىنىڭ ئېھتىياجىنى چىقىش قىلىپ، نامراتلارغا ھەقىقىي ياردەم بېرىپ، نامراتلارنى يۆلەش ئۈنۈمىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش كېرەك. نازارەت قىلىش، مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، سەلبىي تىپلارنى ۋاقتىدا ئاشكارىلاپ، شەكىلۋازلىق قىلغانلارغا بەدەل تۆلەتكۈزۈش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر