خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئېلى ئەخەت خەۋىرى، فوتوسى) يوپۇغا ناھىيەسى ئەلرايى خىزمىتى بولغان «ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرتۈش قۇرۇلۇشى»نى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، سالامەتلىك تەكشۈرتۈشتە بىر ئادەمگە بىر ئارخىپ تۇرغۇزۇپ، ئارخىپنىڭ مۇكەممەل، توغرا بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى. نۆۋەتتە سالامەتلىك تەكشۈرۈش خىزمىتى تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلماقتا.
سۈرەتتە: 10-ئۆكتەبىر، دوختۇرلار يەكشەنبە بازار بازارلىق مەركىزىي «قوش تىل» يەسلىسىدە «0 ياشتىن 6 ياشقىچە»لەر تۈرى بويىچە بالىلارنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرمەكتە.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى