باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

29 ئۆلكە تۇغۇت كۈتۈش دەم ئېلىش ۋاقتىنى ئايدىڭلاشتۇردى، سىز قانچە ئۇزاق ئالالايدىكەنسىز؟

2016.10.12 14:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ يېڭى پىلانلىق تۇغۇت قائىدىسىنى يولغا قويۇشىغا ئەگىشىپ، نۆۋەتتە ئېلىمىزدىكى 29 ئۆلكە شۇ جاينىڭ يېڭى پىلانلىق تۇغۇت قائىدىسىدىكى تۇغۇت كۈتۈش دەم ئېلىش ۋاقتىنى ئايدىڭلاشتۇردى. بۇنىڭ ئىچىدە تۇغۇت كۈتۈش دەم ئېلىش ۋاقتى ئەڭ قىسقا بولغاندا يەتتە كۈن، ئەڭ ئۇزاق بولغاندا بىر ئايغا سوزۇلدى. جۇڭشىن تورى مۇخبىرىنىڭ تەكشۈرۈپ بايقىشىچە، كۆپ ساندىكى كىشىلەر يېتەرلىك تۇغۇت كۈتۈش دەم ئېلىشىدىن بەھرىمەن بولالايدىكەن، بىراق يەنە قىسمەن كىشىلەرنىڭ تۇغۇت كۈتۈش دەم ئېلىشى «قىسقارتىلىپ»، ھەتتا بەزىلەر دەم ئېلىش ۋاقتى بولسىمۇ دەم ئاللاماسلىقتەك مۈشكۈل ئەھۋالغا دۇچ كەلگەن.

  جۇڭشىن تورى مۇخبىرىنىڭ بايقىشىچە، نۆۋەتتە شىزاڭ ۋە شىنجاڭدىن باشقا 29 ئۆلكە بىردەك شۇ جاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت قائىدىسىگە كەينى-كەينىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، شۇ جاينىڭ تۇغۇت كۈتۈش دەم ئېلىش (قىسمەن رايونلاردا كۈتۈش دەم ئېلىشى دېيىلىدۇ) ۋاقتىنى ئايدىڭلاشتۇرغان. بۇنىڭ ئىچىدە تۇغۇت كۈتۈش دەم ئېلىش ۋاقتى ئەڭ قىسقا بولغاندا يەتتە كۈن، ئەڭ ئۇزاق بولغاندا بىر ئايغا سوزۇلغان بولۇپ، كۆپ قىسىم رايونلارنىڭ تۇغۇت كۈتۈش دەم ئېلىش ۋاقتى 15 كۈن بولغان.

  (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر