باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىقى ئەزەلدىن مەملىكەتلىك 100 كۈچلۈك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ قاتارلىقلارنى باھالاش ۋە رەتكە تۇرغۇزۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزمىدى

2016.10.13 14:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. مائارىپ مىنىستىرلىقى تور بېكىتى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا، توردا «مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ‹2016-يىللىق مەملىكەتلىك 100 كۈچلۈك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ› ئىسىملىكى» نى ئېلان قىلغانلىق خەۋىرى تارقالدى. بۇنىڭغا قارىتا، مائارىپ مىنىستىرلىقى ئاساسىي مائارىپ 2-مەھكىمىسى يېقىندا «مەملىكەتلىك 100 كۈچلۈك ئوتتۇرا مەكتەپنى رەتكە تۇرغۇزۇش پائالىيىتىنىڭ ئەزەلدىن ئۆتكۈزۈلمىگەنلىكى توغرىسىدىكى بايانات» نى ئېلان قىلىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مائارىپ مىنىستىرلىقى ۋە مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەھكىمە، ئىدارىلىرى مەملىكەتلىك 100 كۈچلۈك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ، ئوتتۇرا مەكتەپلەر شەرەپ تاختىسى قاتارلىقلارنى باھالاش ۋە رەتكە تۇرغۇزۇش پائالىيىتىنى ئۆتكۈزۈپ باقمىدى ھەم بۇ خىلدىكى ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلىپ باقمىدى.

  مائارىپ مىنىستىرلىقى مۇنداق قارىدى: ئېلىمىزدىكى كۆپلىگەن ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردىن 100 ياكى نەچچە 100 نى تاللاپ رەتكە تۇرغۇزۇش، ساپا مائارىپىنى يولغا قويۇش تەلىپىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ، ئادەتتىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى كۆپ خىللاشتۇرۇش ۋە خاس تەرەققىياتقا پايدىسىز. مائارىپ مىنىستىرلىقى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ سودا خاراكتېرىدىكى، ئىلمىي باھالاش ئۆلچىمى يوق بۇ خىل باھالاش ۋە رەتكە تۇرغۇزۇش پائالىيىتىگە ئاڭلىق قارشى تۇرۇپ، قېتىرقىنىپ مەكتەپ باشقۇرۇپ، كۆڭۈل قويۇپ ئادەم تەربىيەلەپ، ساپا مائارىپىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. مائارىپ مىنىستىرلىقى جامائەتنىڭ ھوشيارلىقىنى ئۆستۈرۈپ، بۇ خىلدىكى ئۇچۇرلارنىڭ ئازدۇرىشىدىن ساقلىنىشىنى ئەسكەرتتى.

  (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر