خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرسۇن راخمان خەۋىرى، فوتوسى) دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، پوسكام ناھىيەسىدە 10-ئۆكتەبىردىن باشلاپ «ئومۇمىي خەلق سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرتۈش قۇرۇلۇشى» يولغا قويۇلغان بولۇپ، بۇ ناھىيەدىكى ھەرقايسى سەھىيە تارماقلىرى 500 دىن ئارتۇق قابىل داۋالاش تايانچلىرىنى تاللاپ 40 نەچچە ئورۇندا دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرتۈش نۇقتىسى قۇرۇپ، سالامەتلىك تەكشۈرتكەن ھەر بىر كىشىگە بىر ئارخىپ تۇرغۇزۇپ، ئارخىپنىڭ مۇكەممەل، توغرا بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى.
ئىگىلىنىشىچە، پوسكام ناھىيەسىدە «ئومۇمىي خەلق سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرتۈش قۇرۇلۇشى» خىزمىتى يىل ئاخىرىغىچە داۋاملىشىدىغان بولۇپ، بۇ قۇرۇلۇشتىن ناھىيە تەۋەسىدىكى 200 مىڭغا يېقىن ھەر مىللەت ئاممىسى مەنپەئەتلىنىدىكەن.
سۈرەتتە: كۈيباغ يېزىسىدىكى تېببىي خادىملار تۇنجى قەدەمدە يېزىنىڭ تېتىر كەنتىدىكى ئاممىنىڭ سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرمەكتە.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى