باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«مەملىكەتلىك ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىش پائالىيىتى ھەپتىلىكى»نىڭ شىنجاڭ شۆبە مەيدانى پائالىيىتى باشلاندى

2016.10.13 14:13         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2016 - يىللىق «مەملىكەتلىك ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىش پائالىيىتى ھەپتىلىكى»نىڭ شىنجاڭ شۆبە مەيدانى پائالىيىتىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى 12 - ئۆكتەبىر شىنجاڭ پەن - تېخنىكا سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى، بۇ «مەملىكەتلىك ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىش پائالىيىتى ھەپتىلىكى» قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، بۇ پائالىيەتنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدا تۇنجى قېتىم قانات يايدۇرۇلۇشى بولۇپ، پائالىيەت 18 - ئۆكتەبىرگىچە داۋاملىشىدۇ.

  ئاپتونوم رايوننىڭ بۇ قېتىمقى ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىش پائالىيىتى ھەپتىلىكىنىڭ باش تېمىسى «يېڭى ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ يېتىشتۈرەيلى» بولۇپ، پائالىيەت مەزگىلىدە نەتىجىلەرنى نامايان قىلىش، يىغىن - مۇنبەر، مەدەنىيەت تارقىتىش، تۈردە كۆرسىتىش، ئاممىۋى مۇسابىقە، كەسپىي مۇلازىمەت قاتارلىق ئالتە تەرەپتىكى پائالىيەت قانات يايدۇرۇلىدۇ، نۇقتىلىق پائالىيەتلەر «كەشىپكارلار جۇڭگودا» يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش مۇسابىقىسى، ياشلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش، مۇلازىمەت قىلىش يۈرۈشلۈك پائالىيىتى، ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىش مۇنبىرى، ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىش كۇرسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىش پائالىيىتى ھەپتىلىكى مەزگىلىدە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر ئۆزلىرىنىڭ ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىش خىزمەت ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، كۆپ خىل شەكىللىك تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، يۇقىرى - تۆۋەن ھەمتۈرتكە بولۇش، ھەمكارلىشىپ ئىلگىرى سۈرۈش، تەرەققىياتتا بەسلىشىشتەك ياخشى ۋەزىيەت شەكىللەندۈرىدۇ.

  باشلىنىش مۇراسىمىغا يەنە جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شاڭخەي ئوپتىكىلىق نازۇك ماشىنا تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى شياڭ شىچىڭ ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىش خىزمىتى توغرىسىدا دوكلات بېرىشكە تەكلىپ قىلىندى.

  مۇخبىرىمىز جاڭ شياۋيەن خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۈەن پارتكومىنىڭ شۇجىسى، سىياسىي كومىسسارى سۈن جىنلۇڭ «بىڭتۈەننىڭ 2016 - يىللىق ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىش پائالىيىتى ھەپتىلىكى»نىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى. بىڭتۈەننىڭ ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسى شۇ كۈنى تەڭلا باشلاندى.

  بىڭتۈەن 12 - ئۆكتەبىردىن 18 - ئۆكتەبىرگىچە «يېڭى ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنى يېتىشتۈرۈش» باش تېمىسىنى چۆرىدەپ، مەملىكەتتىكى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلەر بىلەن ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىش پائالىيىتى ھەپتىلىكى پائالىيىتىنى ماس قەدەمدە قانات يايدۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئىختىساسلىقلار، تېخنىكا، مەبلەغ قاتارلىق يېڭىلىق يارىتىش ئامىللىرىنى توپلاشنى تېزلىتىشنى مۇھىم سۇپا بىلەن تەمىنلەيدۇ. بىڭتۈەننىڭ 14 شى، شەھىرى، مەكتەپلىرىدە مەخسۇس تېمىلىق تۈرلۈك پائالىيەتلەر قانات يايدۇرۇلىدۇ.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بىڭتۈەن مەركەزنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسەت، تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، سۇبيېكتلارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، پائال سۇپا ھازىرلاپ، مۇھىتنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىش ئۈچۈن كەڭ سەھنە ھازىرلىدى. بۇنىڭ بىلەن بىڭتۈەندە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئاۋامنىڭ ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش قىزغىنلىقى ناھايىتى يۇقىرى، كاپالەت تېخىمۇ كۈچلۈك بولدى، مۇھىت ئەلالاشتۇرۇلۇپ، ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش پائالىيىتى بىڭتۈەندە جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بىڭتۈەن «بىڭتۈەننىڭ ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىش توغرىسىدىكى 2016 - يىللىق ھەرىكەت پىلانى»نى تۈزۈپ، بىر تۇتاش پىلانلاپ، تۈرلۈك ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش سىياسەت، تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشنى تېزلەتتى.

  بۇ يىل بىڭتۈەن 15 مىليون يۈەن ياردەم ئۆسۈملۈك مەبلەغنى قولغا كەلتۈرۈپ، 200 مىليون يۈەن قەرز پۇلنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرىدىن 100 گە ياردەم بېرىپ، 2000 ئائىلىلىك ئۈلگە كۆرسىتىش ئائىلىسىنىڭ ئىگىلىك تىكلىشى، يېڭىلىق يارىتىشىغا بىۋاسىتە يار - يۆلەك بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە بىڭتۈەن يەنە ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىشقا يار - يۆلەك بولۇش مەبلىغى تەسىس قىلىپ، ئېلېكتىرونلۇق سودا، زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپىي، كەسپى ھەمكارلىق كوپىراتىپى، ئاز سانلىق مىللەتلەر ئالاھىدىلىكى ۋە مەدەنىيەت ئىجادىي تۈرلىرى قاتارلىقلارنى نۇقتىلىق يۆلەيدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر