باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەردىن 947 خىزمەتچى قوبۇل قىلىدۇ

2016.10.13 14:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسى تۆمۈريول تىرانسپورت ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتى ئېھتىياجىغا ئاساسەن، پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ تولۇق كۇرس ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ھەمدە مەخسۇس كۇرس ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە 947 خىزمەتچى تەكلىپ قىلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە، تولۇق كۇرس ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە 597 كىشى، مەخسۇس كۇرس ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە 350 كىشى قوبۇل قىلىنىدۇ. تىزىملىتىش ۋاقتى 10- ئاينىڭ 16- كۈنىگىچە بولىدۇ.

  بۇ قېتىمقى خىزمەتچى تەكلىپ قىلىش ئوبيېكتى: دۆلەتنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىغا كىرگۈزۈلگەن، پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ تولۇق كۇرس ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى، مەخسۇس كۇرس (ئالىي تېخنىكوم) ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، 2016 - يىلى ئوقۇش پۈتكۈزگەن (2016- يىلى مائارىپ مىنىستىرلىقى ئېتىراپ قىلغان ئوقۇش تارىخىغا ئىرىشكەن ھەمدە ئەۋەتىش سالاھىيىتىگە ئىگە ۋەتەنگە قايتقان ئوقۇغۇچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، ھەر قانداق ئورۇن بىلەن ئىشقا ئورۇنلىشىش كېلىشىمى، ئەمگەك توختامى ئىمزالىمىغان، ئىش ئورنى ۋە خىزمەت ئورنى ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە تەڭشەشكە بويسۇنىدىغان، چۆللۈك خىزمەت مۇھىتىغا ماسلىشالايدىغان، ئىسمېنا بويىچە نۆۋەتلىشىپ ئىشلەيدىغان، خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  بۇ قېتىم خىزمەتچى تەكلىپ قىلىدىغان ئورۇنلار ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تۆمۈريول ئۇچاستىكىسى ۋە يۈك توشۇش مەركىزى، ھەر قايسى پاراۋوز ئۇچاستىكىسىدىكى خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئىش ئورنى بولسا پويىز خادىمى بولۇپ، تۆمۈر يول پويىز خادىملىرىنىڭ كەسپىي سالامەتلىك تەكشۈرۈش ئۆلچىمى تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىشى، توغرىلانغان كۆرۈش قۇۋۋىتى 5.0 ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى (تۈزىتىش كۆزەينىكىنىڭ گرادۇسى 300 گرادۇستىن تۆۋەن، نۇر يىغالماسلىق بولمىغان) بولۇشى تەلەپ قىلىنىدىغان بولۇپ، ئەرلەر بىر قەدەر ماس كېلىدۇ. بۇ قېتىمقى تەكلىپ قىلىشتا پەقەت توردا تىزىملىتىلىدۇ. تەكلىپ قىلىنىدىغانلار چوقۇم «جۇڭگو تۆمۈريول ئىختىساسلىقلارنى تەكلىپ قىلىش تورى (http://rczp.china-railway.com.cn) غا چىقىپ، ھەقىقىي ئىسمى بىلەن تىزىملاتقاندىن كېيىن، توردا تىزىمغا ئالدۇرسا بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر