باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

خىزمەت گۇرۇپپىسى «باش نىشاننى چۆرىدەپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرەيلى» تېمىسىدا مەخسۇس مۇھاكىمە ئېلىپ باردى

2016.10.13 15:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قەھرىمان تۆمۈر خەۋىرى) ئاپتونوم رايوننىڭ باش نىشان توغرىسىدىكى قايتا سەپەرۋەرلىك يىغىنىدىن كېيىن، ۋىلايەتلىك پارتكوم تېز ھەرىكەتكە كېلىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ باش نىشان توغرىسىدىكى قايتا سەپەرۋەرلىك يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا بىرقاتار ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى قىلدى .

  ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مالىيە ئىدارىسى ۋە شەھەرلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسىدىن ئاقسۇ شەھىرى قىزىل كۆۋرۈك كوچا باشقارمىسى توقاي مەھەللىسىگە چۈشكەن «ئۈچ ئەل» خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى خادىملار ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا يېقىندىن ئاۋاز قوشۇپ، ئىدىيە ھەرىكىتىنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە بىرلىككە كەلتۈرۈش ۋە ۋىلايەتنىڭ «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش- تەربىيەسىدە «بەشنى تېپىش، بەشنى تەكشۈرۈش، بەشنى قىلىش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىدىيە، چارە- تەدبىر، خىزمەت ئىستىلى، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، خىزمەت ئۈنۈمى جەھەتتە يېڭى بۇرۇلۇش ھاسىل قىلىشنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، مۇشۇ ئاينىڭ 10 -كۈنى ، «باش نىشاننى چۆرىدەپ ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرەيلى!» تېمىسىدا مەخسۇس مۇھاكىمە يىغىنى ئۇيۇشتۇردى .يىغىندا، خىزمەت ئەترىتىدىكى يەتتە خادىم ئۆزلىرىنىڭ ئۆگىنىش-تەربىيە پائالىيىتىدىن ئالغان تەسىراتلىرى، ئۆزلىرىدىكى ساقلانغان مەسىلىلەر ۋە بۇندىن كېيىنكى خىزمەتلەرنى قانداق قانات يايدۇرۇش توغرىسىدا ئايرىم- ئايرىم ئەتراپلىق پىكىر، مۇلاھىزە ئېلىپ بېرىپ، «ئۈچ ئەل» خىزمىتىنىڭ ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلىنىڭ تەلەپلىرى بويىچە ياخشى قانات يايدۇرۇلۇشىغا پۇختا ئاساس سالدى. «بەشنى تېپىش، بەشنى تەكشۈرۈش، بەشنى قىلىش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ ۋىلايەتلىك پارتكوم ئورۇنلاشتۇرغان مۇھىم بىر سىياسىي ۋەزىپە، باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى كونكرېت ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتى ئىكەنلىكىنى، شۇڭا بارلىق خادىملار ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ تەلەپ، ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، بۇ پائالىيەتنى پۇختا قانات يايدۇرسىلا، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى باش شۇجى شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئومۇمىي تەدبىرى بىلەن بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ۋىلايەتنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە بىر كىشىلىك ھەسسىسىنى قوشالايدىغانلىقىنى يەنىمۇ تونۇپ يەتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر