خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12- ئۆكتەبىر، «شىنجاڭنىڭ توقۇمىچىلىق، كىيىم ـ كېچەك كەسىپ ھەمكارلىقى يەرمەنكىسى» شاڭخەي دۆلەت كۆرگەزمە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى، بۇ قېتىمقى يەرمەنكىدە جەمئىي 12 توقۇمىچىلىق، كىيىم ـ كېچەك مەبلەغ سېلىش تۈرى ئىمزالىنىپ، كېلىشىم ئومۇمىي سوممىسى 197 مىليون يۈەنگە يەتتى.
تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى، ئىلگىرىكى ئىمزالانغان تۈرلەر بىلەن ئوخشىمايدىغىنى شۇكى، بۇ قېتىمقى مەبلەغ سېلىش ئومۇمىي سوممىسى 5 مىليارد يۈەن بولغان ساۋەن ناھىيەسىدىكى جېجياڭلىق سودىگەرلەرنىڭ توقۇمىچىلىق، ئائىلە توقۇمىچىلىقى پەن - تېخنىكا سانائەت رايونى تۈرى ۋە مەبلەغ سېلىش ئومۇمىي سوممىسى 2 مىليارد يۈەن بولغان خېجىڭ ناھىيەسىنىڭ روڭخى كىيىم - كېچەك ئىشلەش سانائەت رايونى تۈرى روشەن توقۇمىچىلىق كەسىپلىرىنى يۆتكەش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە.
ئاپتونوم رايونلۇق سودىگەر چاقىرىش تەرەققىيات ئىدارىسىنىڭ ئىستاتىستىكا قىلىشىچە، 2016 ـ يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ توقۇمىچىلىق، كىيىم ـ كېچەك كەسپىگە سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىشى بۇلتۇرقى % 172 ئېشىش ئاساسىدا، يەنە %126 ئېشىش ئىشقا ئاشۇرۇلغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى