باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ ئاۋمېننى كۆزدىن كەچۈرگەندە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

تەرەققىيات پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، خەلقنىڭ بەخت تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇپ، ئاۋمېننىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى بەرپا قىلىش كېرەك

2016.10.13 14:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ جۇڭگو-پورتۇگال تىلى دۆلەتلىرى ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىق مۇنبىرى 5-نۆۋەتلىك مىنىستىرلار يىغىنىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمغا قاتناشقاندىن كېيىن 11- ئۆكتەبىر چۈشتىن كېيىن، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى سۈي شىئەننىڭ ھەمراھلىقىدا، ئاۋمېننى كۆزدىن كەچۈردى.

  لى كېچياڭ ئاۋمېن مۇزېيىغا بېرىپ، ئاۋمېننىڭ قەدىمىي سودا سۇ يولى خەرىتىسىنى كۆرۈپ، بۇ يەرنىڭ ئىلگىرى ياۋروپا-ئاسىيا سودىسىدىكى مۇھىم تۈگۈننىڭ بىرى ئىكەنلىكى، دېڭىز ئۈستى يىپەك يولى بىلەن چوڭقۇر تارىخىي باغلىنىشى بارلىقىنى بىلدى. لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: ئاۋمېن چوقۇم «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش جەريانىدا ئۆز ئەۋزەللىكىنى كېڭەيتىپ ئۆستۈرۈشى كېرەك.

  ئاۋمېندىكى بوران-چاپقۇنلارنىڭ شاھىتى بولغان چوڭ زەمبىرەك سۇپىسىدا، لى كېچياڭ يىراقلارغا نەزەر سېلىپ، ئاۋمېن يېرىم ئارىلىدىكى يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى كۆردى. ئۇ مۇنداق دېدى: گۈزەل ئاۋمېن جۇڭگو-غەرب مەدەنىيىتى قوشۇلغان جاي، شۇنداقلا «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم بولۇش»تەك ئۇلۇغ ئىدىيەنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشقا ئاشۇرۇلغانلىقىنىڭ بەلگىسى، كۆپچىلىكنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى بىلەن، ئاۋمېننىڭ كەلگۈسىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

  (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر