باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

فان ئافرىقا پارلامېنتى بىلەن ئەرەب پارلامېنتى تۇنجى قېتىملىق بىرلەشمە يىغىن ئۆتكۈزدى

2016.10.13 14:17         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ پان ئافرىقا پارلامېنتىنىڭ 4- قېتىملىق يىغىنى 10- ئۆكتەبىر مىسىرنىڭ شام شىيىختا ئىچىلدى. ھەمكارلىق، ئافرىقا ۋە ئەرەب ئەللىرى ئوتتۇرسىدا بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ باش تېمىسى بولدى. بۇنىڭدىن مەقسەت ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن ئىبارەت ئىككى رايون تەشكىلاتىنىڭ سىياسىي، ئىقتىساد قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت. يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، قانۇنسىز كۆچمەنلەر ۋە رايون ئىقتىسادى تەرەققىياتى قاتارلىق مەسىلىلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا مۇزاكىرە ئىلىپ باردى. مىسىر پارلامېنتىنىڭ باشلىقى ئەلى يىغىندا ، فان ئافرىقا پارلامېنتى بىلەن ئەرەب پارلامېنتى ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەش تۈرلۈك تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدى. تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت، سەھىيە ساھەسىگە كۆڭۈل بىلىشىنى مۇراجىئەت قىلدى: فان ئافرىقا پارلامېنتى بىلەن ئەرەب پارلامېنتنىڭ رايون مەسىلىسىدە يادرولۇق رول ئويناپ،مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش مېخانىزمىنى بالدۇرراق ئورنىتىش؛ چەتئەللەرنىڭ ئافرىقا ۋە ئەرەب رايونىنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرۇشى؛ ئافرىقا ۋە ئەرەب ئەللىرى ھۆكۈمەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، تېررورلۇققا زەربە بېرىپ، ئۇنى تۈپ مەنبەسىدىن يوقىتىشنى مۇراجىئەت قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر