باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو بىلەن ئەنگلىيە ئىككى دۆلەتنىڭ ئاۋىياتسىيە تىرانسپورتىنى كېڭەيتىشكە قوشۇلدى

2016.10.13 14:13         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو خەلق ئاۋىياتسىيە باش ئىدارىسى بىلەن ئەنگلىيە تىرانسپورت مىنىستىرلىقى 11- ئۆكتەبىر چۈشىنىش ئەسلەتمىسىنى ئىمزالاپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئاۋىياتسىيە تىرانسپورتنى كېڭەيتىشكە ، يولۇچىلارنى توشۇش ئىقتىدارنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇشقا قوشۇلدى. بۇ تەدبىر ئىككى دۆلەتنىڭ ساياھەت كەسپىنى يەنىمۇ ياخشىلاپ، سودا پۇرسىتىنى كۆپەيتىدۇ. ئالاقىدار ھۆججەتلەرگە ئاساسەن، ئىككى تەرەپنىڭ يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ قاتناش ئىقتىدارى ھەر ھەپتىسىگە 40 نۆۋەتتىن ھەر ھەپتىسىگە 100 نۆۋەتكە كۆپەيتىلىپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى يۈك تىرانسپورت نۆۋەتچى ئايروپىلانىنىڭ چەكلىمىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ. ئىككى تەرەپ يەنە، ئىككى دۆلەتنىڭ يولۇچىلار ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىنىڭ ئۇچىدىغان نىشانىغا قويۇلغان چەكلىمىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ، بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىنىڭ قارشى تەرەپتىكى ھەر قانداق بىر نىشانغا ئۇچىدىغانلىقىدىن دېرەك بەردى. ھازىر، ئىككى دۆلەتنىڭ ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى قارشى تەرەپنىڭ ئالاھىدە بېكىتىلگەن ئالتە شەھەرگىلا ئۇچالايتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر