باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىشى ئىرېلاندىيەنىڭ يېڭى خامچوت لايىھەسىگە تەسىر كۆرسەتتى

2016.10.13 14:13         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

ئىرېلاندىيە ھۆكۈمىتى 11- ئۆكتەبىر پارلامېنتقا 2017- يىللىق مالىيە يىلى خامچوت لايىھەسىنى سۇنۇپ، باج سېلىقىنى داۋاملىق تۆۋەنلىتىپ پاراۋانلىقنى ئاشۇرۇش قاتارلىق بىر يۈرۈش تەدبىرلەر ئارقىلىق ئىقتىسادنىڭ مۇۋاپىق ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىشىنىڭ ئىرېلاندىيەنىڭ ئىقتىسادىغا ئېلىپ كەلگەن تەسىرىنى پەسەيتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىشى ئومۇمىي خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇلغان كېيىن ئىرېلاندىيە ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان تۇنجى خامچوت لايىھەسى. ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىشىنىڭ پاسسىپ تەسىرىنى تۈگىتىش ئۈچۈن، ئىرېلاندىيە ھۆكۈمىتى بىر يۈرۈش قاراتمىلىق سىياسەتلەرنى چىقاردى. ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىشىنىڭ ئىرېلاندىيەنىڭ يېزا ئىگىلىك ۋە يېمەكلىك كەسپىگە ئېغىر زەربە بەرگەنلىكىنى ئويلىشىپ، بۇ قېتىمقى يېڭى مالىيە خامچوت لايىھەسىدە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ خامچوت مەبلىغى 119 مىليون ياۋرو كۆپەيتىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر