باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدىكى كارخانىلاردىن پېنسىيەگە چىققان 922 مىڭ 600 كىشىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئايلىق كۈتۈنۈش پۇلى 2723 يۈەنگە ئۆستۈرۈلدى

2016.10.14 14:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ يىل 9- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايون بويىچە 14 ۋىلايەت، ئوبلاست دەرىجىلىك، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ۋە مەركەز كارخانا ئورۇنلىرىدىكى تەڭشەش سىياسىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان كارخانىلاردىن پېنسىيەگە چىققان 922 مىڭ 600 كىشىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنى تەڭشەش تاماملىنىپ ھەمدە تارقىتىلىپ، ئايلىق ئوتتۇرىچە كۈتۈنۈش پۇلى 189 يۈەن ئاشتى، جەمئىي 1 مىليارد 720 مىليون يۈەن كۈتۈنۈش پۇلى تولۇقلاپ تارقىتىلدى. ئاپتونوم رايون بويىچە تەڭشەلگەندىن كېيىنكى كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئايلىق كۈتۈنۈش پۇلى سەۋىيەسى 2723 يۈەنگە يەتتى.

  مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ قېتىمقى تەڭشەش شىنجاڭنىڭ 2005-يىلىدىن بۇيان 12-قېتىم ئۇدا تەڭشىشى بولۇپ، ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايدىغىنى، بۇ قېتىمقى تەڭشەشتە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئورگان، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى ئىسلاھ قىلىنغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايون بويىچە ئورگان، كەسپىي ئورۇنلاردىن پېنسىيەگە چىققانلار بىلەن كارخانىلاردىن پېنسىيەگە چىققان خادىملارنىڭ تەمىناتى تۇنجى قېتىم ماس قەدەملىك تەڭشىلىپ، ئاپتونوم رايون بويىچە 1 مىليون 274 مىڭ پېنسىيەگە چىققان خادىمغا نەپ يەتكۈزۈلگەن.

  ئۆتكەن يىللاردىكىگە ئوخشاش بولمىغىنى، بۇ يىلقى تەڭشەشتە پېنسىيەگە چىققان خادىملارنىڭ تەمىناتى تۇنجى قېتىم نورمىلىق تەڭشەش، چېتىشتۇرۇپ تەڭشەش ۋە ئېتىبار بېرىپ تەڭشەش بىرلەشتۈرۈلگەن چارە قوللىنىلغان. تەڭشەش دائىرىسىگە 2015-يىلى 12- ئاينىڭ 31- كۈنىدىن بۇرۇن بەلگىلىمە بويىچە پېنسىيەگە چىقىش، خىزمەتتىن چېكىنىش رەسمىيىتىنى بېجىرگەن ھەمدە ئاي بويىچە ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى ئالىدىغان خادىملار كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، تەڭشەش ۋاقتى 2016- يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنغان.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئاپتونوم رايوننىڭ 2016ـ يىللىق پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ كۈتۈنۈش پۇلىنى تەڭشەش خىزمىتى بولسا، ئورگان ۋە كەسپىي ئورۇنلارنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى ئىسلاھاتى قىلىنغاندىن كېيىن ئورگان، كەسپىي ئورۇنلاردىكى پىنسىيىگە چىققان ۋە كارخانىلاردىن پېنسىيەگە چىققان خادىملارنىڭ تەمىناتىنىڭ تۇنجى قېتىم ماس قەدەملىك تەڭشىلىشى بولۇپ، ۋاقىت قىس، ۋەزىپە ئېغىر، كۆڭۈل بۆلۈش دەرىجىسى يۇقىرى. ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا باشقۇرۇش ئىدارىسى تۈرلۈك لايىھەلەرنى تۈزۈپ، كارخانىلاردىن پېنسىيەگە چىققان خادىملارنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنىڭ 9- ئاينىڭ 30- كۈنىدىن بۇرۇن تولۇق تەڭشىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر