باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى يولغا قويۇش چارىسى»نى تارقاتتى

2016.10.18 13:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى يولغا قويۇش چارىسى»نى تارقاتتى ۋە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جايلار، تارماقلاردىن ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.

  «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى يولغا قويۇش چارىسى»نىڭ پۈتۈن تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

  بىرىنچى باب ئومۇمىي قائىدە

  1- ماددا، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش توغرىسىدىكى قارارى» ۋە مەركەزنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەزكۇر چارە تۈزۈلدى.

  2- ماددا، مەزكۇر چارە ئوتتۇرا، غەربىي رايوندىكى 22 ئۆلكىلىك (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت، ئالاقىدار مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تەتبىقلىنىدۇ.

  3- ماددا، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى مەركەز بىر تۇتاش پىلانلاش، ئۆلكە مەسئۇل بولۇش، شەھەر-ناھىيەلەر ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇرىدىغان خىزمەت مېخانىزمىغا ئاساسەن، مەسئۇلىيىتى ئېنىق، ھەر كىم ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان، جەڭگە تەڭ ئاتلىنىدىغان مەسئۇلىيەت سىستېمىسى بەرپا قىلىدۇ.

  (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر