باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا تۇنجى تۈركۈمدە 3000 نەپەر كادىر تاللىنىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ يېزىلىرىغا چۈشۈپ ئوقۇتۇشنى قوللاش ئۈچۈن ئەۋەتىلىدۇ

2016.10.19 15:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەكتەپ يېشىدىن بۇرۇنقى تەييارلىق باسقۇچىدىكى بالىلارنىڭ قوش تىل مائارىپىنىڭ ئاجىز ھالقىلىرىنى تولۇقلاش ئۈچۈن، شىنجاڭدا تۇنجى تۈركۈمدە 3000 نەپەر كادىرنى تاللاپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تۆت ۋىلايەت-ئوبلاستنىڭ كەنت يەسلىلىرىدە تەييارلىق قوش تىل مائارىپى ئوقۇتۇشىنى قوللاش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش پىلانلاندى.

  18- ئۆكتەبىر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئىگىلىنىشىچە، قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ كەمچىل بولۇشى ۋە سۈپىتىنىڭ «قۇرۇلمىلىق كەمچىل» بولۇشى قاتارلىق مەسىلىلەر ئىزچىل تۈردە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تۆت ۋىلايەت-ئوبلاستنىڭ قوش تىل مائارىپىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان ئامىل ئىدى. بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، شىنجاڭدا تۇنجى تۈركۈمدە 3000 نەپەر كادىرنى تاللاپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تۆت ۋىلايەت-ئوبلاستنىڭ كەنت يەسلىلىرىدە تەييارلىق قوش تىل مائارىپى ئوقۇتۇشىنى قوللاش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش پىلانلاندى.

  ئوقۇتۇشقا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، بۇ قېتىم تاللاپ ئەۋەتىلىدىغان كادىرلار نۇقتىلىق ھالدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىپ باققان، قوش تىل بىلىدىغان ۋە يېڭىدىن قۇبۇل قىلىغان كادىرلار ئىچىدىن تاللىنىدۇ، ھەمدە تاللاپ ئەۋەتىلگەن كادىرلارنىڭ 11- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئوقۇتۇش خىزمىتى ئورنىغا چىقىپ، دەرس ئۆتۈشىگە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، ئاپتونوم رايونغا بىۋاستە قاراشلىق ئورۇنلاردىن 1200 نەپەر كادىر تاللاپ ئەۋەتىلىدۇ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ۋىلايەت-ئوبلاست ۋە ھەرقايسى ناھىيە-شەھەرلىك پارتكوم-ئىشخانا-ئىدارىلەردىن 1800 نەپەر كادىر تاللاپ ئەۋەتىلىدۇ. ئاپتونوم رايون بۇ كادىرلارغا قارىتا 10 كۈنلۈك بىر تۇتاش تەربىيەلەش ئېلىپ بارىدۇ. ئوقۇتۇشقا ياردەم بېرىش مەزگىلىدە، تاللاپ ئەۋەتىلگەن كادىرلارنىڭ مائاش-تەۋەلىك مۇناسىۋىتى، ئەسلى تاللاپ ئەۋەتكەن ئورۇندىكى ۋەزىپىسى ۋە دەرىجىسى ئۆزگەرمەيدۇ، ھەمدە تاللاپ ئەۋەتكەن ئورۇننىڭ مائاش، مۇكاپات قاتارلىق تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ، مائاشى نورمال تەڭشىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، قىشلىق-يازلىق تەتىللىرى بار بولغاندىن تاشقىرى، يەنە ئوقۇتۇشقا ياردەم بەرگۈچى كادىرلار يەنە ھەر بىر ئادەم ھەر ئايدا 2600 يۈەنلىك تۇرمۇش خىراجىتى تولۇقلىمىسى ۋە جەنۇبىي شىنجاڭدا خىزمەت قىلىش تولۇقلىمىسىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بۇ تۆت ۋىلايەت-ئوبلاست بولسا، قەشقەر، خوتەن، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ۋە ئاقسۇ ۋىلايىتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى تەمىنلىگەن سىتاتېستىكا سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2015- يىلنىڭ ئاخىرىغىچە، جەنۇبىي شىنجاڭدا 1700دىن ئارتۇق قوش تىل يەسلىسى قۇرۇلغان بولۇپ، يەسلىگە كىرگەن بالىلارنىڭ سانى 350 مىڭغا يەتكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر