باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدىكى تۆت بازار «جۇڭگودىكى خاسلىققا ئىگە كىچىك بازار» تىزىملىكىگە كىردى

2016.10.18 15:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى 14-ئاپرېل تۇنجى تۈركۈمدىكى 127 «جۇڭگودىكى خاسلىققا ئىگە كىچىك بازار»نى ئېلان قىلدى، شىنجاڭدىن تۆت بازار بۇ تىزىملىككە كىردى.

  تىزىملىككە كىرگەن بۇ بازارلار ئايرىم-ئايرىم مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ سېرىقبۇيا بازىرى، ساۋەن ناھىيەسىنىڭ ئۇلان ئۇس بازىرى، كۆكتوقاي ناھىيەسىنىڭ كۆكتوقاي بازىرى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 8-شى شىخەنزە شەھىرىنىڭ بېيچۇەن بازىرى.

  بۇ يىل 7- ئايدا، تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقى بىرلىشىپ «خاسلىققا ئىگە كىچىك بازارلارنى يېتىشتۈرۈش خىزمىتى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى ئېلان قىلىپ، مەملىكەت بويىچە خاسلىققا ئىگە كىچىك بازار يېتىشتۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشنى قارار قىلغان. پىلان بويىچە 2020-يىلىغا بارغاندا ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە، مول ھاياتىي كۈچكە ئىگە، ئىستىراھەت ساياھىتى، سودا ئوبوروتى، ھازىرقى زامان ياسىمىچىلىقى، مائارىپ، پەن-تېخنىكا، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت، مۇھىتى گۈزەل ۋە ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان خاسلىققا ئىگە 1000 بازار «يېتىلدۈرۈلۈپ»، مەملىكەت بويىچە كىچىك شەھەر-بازار قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

  بۇ قېتىم تۇنجى تۈركۈمدە ئېلان قىلىنغان خاسلىققا ئىگە كىچىك بازارلار جايلارنىڭ تەۋسىيە قىلىپ كۆرسىتىشى ئاساسىدا، مۇتەخەسسىسلەر قايتا تەكشۈرگەندىن كېيىن، تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئۈچ مىنىستىرلىق بىرلىكتە بېكىتكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر