باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2017- يىلى، دۆلەت مەمۇرلىرى ئىمتىھانى ئېلىنىپ، دۆلەت باج سىستېمىسىغا قوبۇل قىلىنىدىغانلارنىڭ سانى ئەڭ كۆپ بولىدۇ

2016.10.14 15:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2017- يىللىق دۆلەت مەمۇرلىرى ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش 15- ئۆكتەبىر رەسمىي باشلىنىدۇ، بۇ قېتىم 27مىڭدىن ئارتۇق مەمۇر قوبۇل قىلىش پىلانلانغان بولۇپ، بۇلتۇرقى قوبۇل قىلىنىش كۆلىمىگە يېقىنلىشىدۇ. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، دۆلەت باج سىستېمىسىغا ئەڭ كۆپ مەمۇر قوبۇل قىلىنىدىغان بولۇپ، 17مىڭ كىشى قوبۇل قىلىنىدىكەن.

  دۆلەت مەمۇرلار ئىدارىسى تور بېكىتى ئېلان قىلغان خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، 2017- يىللىق دۆلەت مەمۇرلىرى ئىمتىھانىغا 2016- يىلى 15- ئۆكتەبىردىن 24- ئۆكتەبىرگىچە تىزىمغا ئالدۇرىلىدىكەن. ئومۇمىي پەنلەر يېزىقچە ئىمتىھانى 2016- يىلى 27- نويابىر ئېلىمىزدىكى ھەرقايسى ئۆلكە مەركىزىي شەھەرلىرى، ئاپتونوم رايوننىڭ مەركىزى، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ۋە ئايرىم چوڭراق شەھەرلەردە بىرلا ۋاقىتتا ئېلىنىدىكەن.

  بۇ قېتىمقى قوبۇل قىلىشقا 120دىن ئارتۇق مەركىزىي ئورگان ۋە ئۇنىڭغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئاپپاراتلار، «مەمۇرلار قانۇنى» دىن پايدىلىنىپ باشقۇرىدىغان ئورۇنلار قاتنىشىدىغان بولۇپ، 27 مىڭدىن ئارتۇق مەمۇر قوبۇل قىلىنىدۇ.

  بۇنىڭدىن بۇرۇن، ئىمتىھان ئارقىلىق دۆلەت مەمۇرلىقىغا 2013-يىلى 20 مىڭ 839 كىشى، 2014-يىلى 19 مىڭ 538 كىشى، 2015-يىلى 22 مىڭ 248 كىشى، 2016- يىلى 27مىڭ 817 كىشى قوبۇل قىلىش پىلانلانغان. بۇنىڭ ئىچىدە 2016- يىللىق ئىمتىھان ئارقىلىق قوبۇل قىلىنىدىغان مەمۇرلار سانىدا تارىختىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلىپ، بۇ يىللىق پىلاندىكى قوبۇل قىلىش كۆلىمى ئاساسەن بۇلتۇرقىغا تەڭلىشىدۇ.

  (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر