خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 13- ئۆكتەبىر فىنوم پېندا كامبودژا پادىشاھى سىخامونى بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ ئۇزاق تارىخقا ئىگە جۇڭگو-كامبودژا دوستلۇقىغا يۈكسەك باھا بەردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو-كامبودژانىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى رەئىس ماۋزېدۇڭ، زۇڭلى جۇ ئېنلەي قاتارلىق جۇڭگونىڭ پېشقەدەم بىر ئەۋلاد رەھبەرلىرى بىلەن شاھىنشاھ سىخانوك بىرلىكتە ئورناتقان ۋە كۆڭۈل قويۇپ يېتىلدۈرگەن. شاھىنشاھ سىخانوك جۇڭگو خەلقىنىڭ چوڭقۇر ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇق تارىخىدا ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرغان. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو-كامبودژا ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى چوڭقۇر تەرەققىي قىلىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە ھەقىقىي نەپ يەتكۈزدى. جۇڭگو، كومبودژا خان جەمەتىدىكىلەر بىلەن بولغان ئالاھىدە دوستلۇقنى قەدىرلەيدۇ، كامبودژا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، كامبودژا بىلەن بىر يولدا مېڭىپ، جۇڭگو-كامبودژا دوستلۇق ئىشلىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئورتاق تەرەققىيات بىلەن گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ بەخت يارىتىشنى خالايدۇ. جۇڭگو مەڭگۈ كامبودژانىڭ ياخشى ھەمراھى، ياخشى دوستى.
(شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى