باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپا (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئاچتى

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن چارە - تەدبىر كۆرسىتىشىمىز، كۈچ چىقىرىشىمىز كېرەك

2016.10.14 14:28         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13 - ئۆكتەبىر چۈشتىن كېيىن، پارتگۇرۇپپا (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، مەملىكەتلىك دۆلەت كارخانىلىرى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، رەئىسى نۇرلان ئابىلمەجىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

  نۇرلان ئابىلمەجىن مۇنداق دېدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مەخسۇس مەملىكەتلىك دۆلەت كارخانىلىرى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى يىغىنى ئېچىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەت كارخانىلىرى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى كۈچەيتىشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەنلىكى، شۇنداقلا دۆلەت كارخانىلىرى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىملىقىنى تولۇق نامايان قىلدى. يېڭى ۋەزىيەتتە، بولۇپمۇ «تۆت ئومۇميۈزلۈك» تىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ماس ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان ۋەزىيەت ۋە ۋەزىپە ئالدىدا، پارتىيەنىڭ دۆلەت كارخانىلىرىغا بولغان رەھبەرلىكى، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشكە بولىدۇكى، قىلچە بوشاشتۇرۇشقا بولمايدىغانلىقىنى، مەسىلىنى ھەل قىلىشنى بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، دۆلەت كارخانىلىرى پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تۈپتىن كۈچەيتىشكە تۈرتكە بولۇش كېرەكلىكىنى چوڭقۇر ئىگىلىشىمىز كېرەك. بۇ زور سىياسىي پىرىنسىپ بولۇپ، جەزمەن چوڭقۇر تونۇپ، توغرا ئىگىلىشىمىز كېرەك.

  نۇرلان ئابىلمەجىن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، زامانىۋى كارخانا تۈزۈمىنى ئىلگىرى سۈرۈش −− نوقۇل پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئىشى بولۇپلا قالماي، سىياسىي كېڭەشمۇ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىمىزگە ئېلىپ، قانداق قىلغاندا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دۆلەت كارخانىلىرىنى زورايتىپ قۇدرەت تاپقۇزغىلى بولىدۇ، دېگەن مەسىلىنى چۆرىدىگەن ھالدا، پائال چارە - تەدبىر كۆرسىتىشىمىز، شۇنداقلا ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش ۋە ئۇنى مۇھاكىمە قىلىشنىڭ كىرىش نۇقتىسىنى ياخشى تاللاپ چىقىپ، بەزى تېمىلارنى تاللاپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق پارتكوم، ھۆكۈمەتكە پىكىر - تەكلىپلەرنى بېرىشىمىز كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە دۆلەت كارخانىلىرىدا ئىشلەۋاتقان سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئىشچى، خىزمەتچىلەر، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش، ئۇيۇشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، كۆپچىلىكنى پارتىيە تەشكىلاتى ئەتراپىغا زىچ ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ - قۇدرەتنى مۇجەسسەملەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ھەقىقىي ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ساغلام، تېز تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن پائال چارە - تەدبىر كۆرسىتىشىمىز، كۈچ چىقىرىشىمىز كېرەك.

  نۇرلان ئابىلمەجىن ھەر قايسى مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ كېلەر يىللىق كېڭىشىش پىلان - قارالمىلىرىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، دۆلەت كارخانىلىرى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش قاتارلىق يېڭى تەلەپ، يېڭى ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ق−ارالمىلارغا كىرگۈزۈپ، كېڭىشىش پىلانى مەزمۇنىنىڭ چوڭقۇر، كونكرېت ۋە مەشغۇلاتچانلىققا ئىگە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت بۇ باش نىشانغا تېخىمۇ ياخشى بويسۇنۇشى ۋە مۇلازىمەت قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن رەئىسى بەي جىجيې، ليۇ يەنلياڭ، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن رەئىسلەردىن لى شياڭلىن، ليۇ جىيۇڭ، گۈلشاد ئابدۇقادىر، كادىرقان مىراسقان يىغىنغا قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر