- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
شۆھرەت زاكىر ئۈرۈمچى شەھىرىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى
باش نىشاننى پۇختا ئىگىلەپ، تىرىشىپ ئىناق، مۇقىم، ئاۋات، گۈزەل، زامانىۋى شەھەر قۇرۇپ چىقىش كېرەك
2016.10.14 14:26 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر 13 - ئۆكتەبىر ئۈرۈمچى شەھىرىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.
شۆھرەت زاكىر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئۈرۈمچى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى يېتەكچى قىلىپ، ئىناق، ئاۋات، گۈزەل، زامانىۋى شەھەرنى باش نىشاننى پۇختا ئىگىلەش ۋە چۆرىدەش ئاساسىدا پىلانلاپ ۋە قۇرۇپ چىقىپ، دۆلەتنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» ئىستراتېگىيەسىگە پائال ئۆزلىشىپ، «بەش چوڭ مەركەز» قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە نەمۇنىلىك ۋە يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.
شۆھرەت زاكىر ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونى قۇمدەڭ تەۋەلىكى، داۋان تەۋەلىكى، دۆڭكۆۋرۈك تەۋەلىكىنىڭ كوناشەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىش خىزمىتى ۋە مېھىر - شەپقەت دوختۇرخانىسى، خەلقئارا دوختۇرخانىنىڭ قۇرۇلۇش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ھەم سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ كوناشەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىش ۋە داۋالاش مۇلازىمىتى مەركىزىنىڭ قۇرۇلۇش ئەھۋالىنى ئاڭلىدى.
تەڭرىتاغ رايونى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مەركىزىي شەھەر رايونىنىڭ بىرى بولۇپ، كونا مەھەللىلەر كۆپ، ئاھالە زىچ ئولتۇراقلاشقان، ئۇل ئەسلىھەلىرى ئاجىز بولغاچقا، ئۆزگەرتىش قىيىن ئىدى. دۆڭكۆۋرۈك تەۋەلىكىنىڭ لىمىنخاڭ كوچىسىغا ھەر مىللەتنىڭ ئەرزان ھەم مەززىلىك ئاددىي يېمەكلىكلىرى مەركەزلەشكەن بولسىمۇ، بىراق كوچا تار، ئۆيلەر كونا، سۇ بىلەن تەمىنلەش ۋە بۇلغىما چىقىرىش قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلىرى قالاق بولغاچقا، بۇ يەردە ئولتۇرۇشلۇق ئاھالىگە ئېغىر قولايسىزلىق ئېلىپ كەلگەنىدى. شۆھرەت زاكىر لىمىنخاڭ كوچىسىدا ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرىغا: يانداشما ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئاممىنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەقىقىي ھەل قىلىپ، خەلق تۇرمۇشىنى تېخىمۇ قولاي، تېخىمۇ راھەت، تېخىمۇ گۈزەل قىلىش كېرەك، دەپ جېكىلىدى.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېھىر - شەپقەت دوختۇرخانىسى بىلەن خەلقئارا دوختۇرخانا ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكوم، شەھەرلىك ھۆكۈمەت نۇقتىلىق قۇرۇپ چىقىدىغان داۋالاش، ئوقۇتۇش، پەن تەتقىقات، ئالدىنى ئېلىش، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن ئەمەلىي گەۋدە تىپىدىكى خەلقئارا دوختۇرخانا. شۆھرەت زاكىر قۇرۇلۇش نەق مەيدانىدا ئىككى دوختۇرخانىنىڭ قۇرۇلۇش قەدىمىنى تېزلىتىپ، ئىككى دوختۇرخانىنى داۋالاش، ئالدىنى ئېلىش - ساقلىقنى ساقلاش، كۈتۈنۈش - سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، خاس مەخسۇس كېسەللىكلەر بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن زامانىۋى دوختۇرخانا قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىنىڭ داۋالاش مۇلازىمىتى مەركىزى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىنى تەلەپ قىلدى.
شۆھرەت زاكىر سۆھبەت يىغىنىدا ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئالاقىدار دوكلاتىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، مۇنداق كۆرسەتتى: ئۈرۈمچى ئاپتونوم رايون، ھەتتا پۈتۈن مەملىكەت ئومۇمىيىتى خىزمىتىدە مۇھىم ئورۇنغا ئىگە، مۇقىملىقتىن چاتاق چىقسا بولمايدۇ، تەرەققىياتتا ئارقىدا قالسا تېخىمۇ بولمايدۇ، ھەم مۇقىملىق خىزمىتىنى قەتئىي، كەسكىن، چىڭ تۇتۇش، ھەم تەرەققىيات خىزمىتىنى قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇتۇش كېرەك. ئۈرۈمچىنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى پۇختا ئىگىلەپ ۋە باش نىشان ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، ئاممىغا يۈكسەك مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەسى بىلەن خەلقنى مەركەز قىلىش، قانۇن بويىچە ئىلمىي پىلانلاش، خىزمەت مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىش، باشقۇرۇش بىلەن مۇلازىمەت قىلىشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، كونىشەھەر رايونىنى خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىدىكى گەۋدىلىك ئورۇنغا ھەقىقىي قويۇپ، كونىشەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىشتىن ئىبارەت خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشتىكى مۇھىم قۇرۇلۇشنى ياخشى قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىغا بەخت يارىتىدىغان، جەمئىيەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان ئەلرايى قۇرۇلۇشىنى ياخشى بەرپا قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ تۇرمۇش، تۇرالغۇ مۇھىتى، ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇھىتىنى تىرىشىپ ياخشىلاپ، پۇقرالارنى خاتىرجەم ياشاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئۈرۈمچىنىڭ رايون قاتنىشى، داۋالاش ئاساسى كۆرۈنەرلىك ئەۋزەللىككە ئىگە، شۇڭا ئۈرۈمچى دۆلەتنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» ئىستراتېگىيەسىگە پائال ئۆزلىشىپ، باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك. يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇپ چىقىشتا تېخىمۇ زور مەسئۇلىيەتنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىممىسىگە ئېلىشى، بولۇپمۇ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ داۋالاش مۇلازىمەت مەركىزى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشتىكى يادرولۇق رايون ئورنىنى كۆزلەپ، ئاساسىي داۋالاش، خەلقئارا داۋالاشنى ئاساس قىلغان داۋالاش مۇلازىمىتى ۋە ساغلاملىق - كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىنى نۇقتىلىق راۋاجلاندۇرۇپ، خاس داۋالاش - تېببىي دورا ياسىمىچىلىق ھالىتىنى يېتىشتۈرۈپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، داۋالاش مۇلازىمىتى سەۋىيەسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى قاتلاملىق داۋالاش - ساقلىق ساقلاش ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش، كىرگۈزۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك.
شۆھرەت زاكىر مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: خەلق تۇرمۇشىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، خەلق تۇرمۇشىدا بالدۇر تۇتۇش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئامانلىقى ۋە ھال - ئەھۋالىنى قەلبىمىزنىڭ چوڭقۇر يېرىگە پۈكۈپ، خەلق تۇرمۇشىنى سىجىل ياخشىلىشىمىز؛ ئاساسىي قاتلامنى قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇتۇپ، ئاساس سېلىپ، بازا قۇرۇلۇشىغا تايىنىپ، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىمىز؛ «جان تومۇر» ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە دىنلار ئىناقلىقىدىن ئىبارەت شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ ئاممىۋى خىزمەتنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش ۋە چىڭ تۇتۇش كېرەك.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئۈرۈمچى - سانجى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لى شۆجۈن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر