خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 13-ئۆكتەبىر فىنوم پېندا كامبودژانىڭ باش ۋەزىرى خۇنسېن بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى تەرەپ جۇڭگو-كامبودژانىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىغا يۈكسەك باھا بېرىپ، جۇڭگو-كامبودژانىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق-شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرى ئۈستىدە چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى ھەم تىنچ تەرەققىي قىلىشنى ئورتاق قوغداپ، جۇڭگو-كامبودژانىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگو-كامبودژانىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق-شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى بىردەك قارار قىلدى.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىككى دۆلەت پېشقەدەم رەھبەرلىرى ئورتاق ياراتقان ۋە كۆڭۈل قويۇپ يېتىلدۈرگەن جۇڭگو-كامبودژا دوستلىقىنىڭ تارىخىي ئاساسى پۇختا. نۆۋەتتە جۇڭگو-كامبودژا مۇناسىۋىتىدە ئاكتىپ تەرەققىيات ۋەزىيىتى شەكىللىنىپ، سىياسىي جەھەتتىن ئۆزئارا ئىشىنىش ئۈزلۈكسىز كۈچىيىپ، ئىقتىسادىي ھەمكارلىقتا مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، كۆپ تەرەپتىن ماسلىشىش تېخىمۇ قويۇقلاشتى. جۇڭگو كامبودژا بىلەن بولغان ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى باشتىن-ئاخىر قەدىرلەپ، كامبودژا بىلەن بىللە جۇڭگو-كامبودژانىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق-شېرىكلىك مۇناسىۋىتى مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي پايدا يارىتىشنى خالايدۇ.
(شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى