باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ سىنىپلىرىنىڭ ئەخلاق ۋە ئىدىيەۋى - سىياسىي تەربىيە يېتەكچىلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسى ئېچىلدى

2016.10.14 14:29         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ سىنىپلىرى بىلەن كەسپىي سىنىپلىرىنىڭ 20 - قارارلىق ئەخلاق ۋە ئىدىيەۋى - سىياسىي تەربىيە يېتەكچىلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسىدا 12 - ئۆكتەبىر دەرس باشلاندى. كۇرسنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا «ھەمكارلىق پىلانى» بويىچە ئىچكىرىدىن كەلگەن 35 ئالىي مەكتەپنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئوقۇتقۇچىلىرى، رەھبەرلىرى ۋە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى «ھەمكارلىق پىلانى» ئىچىدىكى بەش ئالىي مەكتەپنىڭ مۇناسىۋەتلىك خادىملىرى بولۇپ 100گە يېقىن كىشى قاتناشتى.

  ئۇقۇشىمچە، بۇ قېتىمقى كۇرسنىڭ ۋاقتى بىر ھەپتە بولۇپ، كۇرستا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مۇتەخەسسىسلەر ۋە ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ رەھبەرلىرى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر، دىن سىياسىتى، شىنجاڭنىڭ رايون ئالاھىدىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتى، شىنجاڭ مائارىپىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالى، ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىغا بولغان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى كۈچەيتىش قاتارلىق تېمىلاردا دەرس ئۆتىدىكەن.

  بۇ كۇرس مائارىپ مىنىستىرلىقى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، 2008 - يىلىدىن باشلاپ ھازىرغىچە 19 قارار ئېچىلغان ئىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر