باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جاڭ باۋۋېن مۇنداق دەپ تەكىتلىدى :

يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە يولغا قويۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

2016.10.14 15:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنى ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىدىكىلەر 8- ئۆكتەبىردىن 13- ئۆكتەبىرگىچە شەندۇڭدا قانۇن ئىجرا قىلىش بويىچە تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ باۋۋېن قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرگەندە مۇنداق دېدى: يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە يولغا قويۇشتا، ئالاقىدار تارماقلار بىلەن زىچ ماسلىشىپ، بىرلىكتە ھەمكارلىشىش لازىم.

  تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ ۋېيفاڭ شەھىرى، زىبو شەھىرى ۋە جىنەن شەھىرىگە بېرىپ، نەق مەيداندا نۇرغۇن شەھەر يولى، قاتناش ھادىسىسى كۆپ يۈز بېرىدىغان بۆلەك، خەتەرلىك خىمىيەۋى بۇيۇملارنى توشۇش شىركىتى قاتارلىقلارنى كۆزدىن كەچۈردى ھەمدە ھەر قايسى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە يولغا قويۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلىدى.

  جاڭ باۋۋېن مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: نۆۋەتتە، ئېلىمىز دەسلەپكى قەدەمدە يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنىنى تايانچ قىلغان يول قاتناش باشقۇرۇش قانۇن-نىزامىنى ئورناتتى، جايلار، تارماقلار نۇرغۇن يانداش قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنى يولغا قويدى. ھەر قايسى تارماقلار قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق ئادا قىلىپ، زىچ ماسلىشىپ، بىرىكمە كۈچ ھاسىل قىلسىلا، يول قاتناش قانۇنىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يولغا قويۇشقاھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ تىنچ - ئامان راۋان سەپەرگە چىقىش ئارزۇسىغا پائال ئىنكاس قايتۇرغىلى بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر