باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىزنىڭ تايلاندتا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى جۇڭگو پۇقرالىرىغا پادىشاھنى دەپنە قىلىش مەزگىلىدە، بەلگىلىمىگە رىئايە قىلىشنى ئەسكەرتتى

2016.10.14 14:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تايلاند پادىشاھى بۇمىبول 13- ئۆكتەبىر كېسەل سەۋەبى بىلەن ۋاپات بولدى. تايلاند ھۆكۈمىتى 14- ئۆكتەبىردىن باشلاپ بىر يىل ماتەم تۇتۇشنى قارار قىلدى. مەملىكەت بويىچە بايراق يېرىم چۈشۈرۈلۈپ تەزىيە بىلدۈرۈلىدۇ، ئاممىۋى كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى 30 كۈن توختىتىلىدۇ.

  جۇڭگونىڭ تايلاندتا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى شۇ كۈنى ئېلىمىزنىڭ تايلاندتىكى جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ پادىشاھنى دەپنە قىلىش مەزگىلىدە، ئالاقىدار بەلگىلىمە ۋە ئۆرپ-ئادەتلەرگە رىئايە قىلىش كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.

  پادىشاھ بۇمىبول يۈكسەك ئابرۇيغا ئىگە، تايلاند خەلقىنىڭ چوڭقۇر ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن بولۇپ، ئۇنىڭ ۋاپاتى تايلاند خەلقىگە ئېغىر ئازاب ئېلىپ كەلدى. تايلاندتىكى بارلىق جۇڭگو پۇقراسى ئاممىۋى سورۇندا، بولۇپمۇ ماتەم پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان سورۇندا چوقۇم كىيىم-كېچىكى ۋە سۆز-ھەرىكىتىگە دىققەت قىلىپ، دەپنە مەزگىلىدە تايلاند تەرەپنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمە ۋە ئۆرپ – ئادەت، قائىدە-يوسۇنلىرىغا رىئايە قىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەلئارا دوستانە مۇناسىۋىتىنى ئاڭلىق قوغدىشى كېرەك.

  ئەگەر ھاجىتى بولسا، جۇڭگونىڭ تايلاندتا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ ياردەم تەلەپ قىلىشقا بولىدۇ. ئەلچىخانا كاپالەتلىك قىلىش تېلېفونى: 0066-854833327(24 سائەت دىجورنى يان تېلېفون)، 0066-0-2457010(خىزمەت كۈنى: سائەت 9:00 دىن 17:00گىچە).

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر