خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قەھرىمان تۆمۈر خەۋىرى) ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مالىيە ئىدارىسى ۋە شەھەرلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسىدىن ئاقسۇ شەھىرى قىزىل كۆۋرۈك كوچا باشقارمىسى توقاي مەھەللىسىگە چۈشكەن «ئۈچ ئەل» خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى خادىملار ئاپتونوم رايوننىڭ باش نىشان توغرىسىدىكى قايتا سەپەرۋەرلىك يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ، ئۆگىنىش پائالىيىتىنى كۆپ خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش بىلەن بىللە، يىغىن روھىنى ئاھالىلەرگىچە تەشۋىق قىلىش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەپ، ئۆگىنىش پائالىيىتىنىڭ قاپلىنىش دائىرىسىنى كېڭەيتتى ۋە ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈردى.
سۈرەتتە: توقاي مەھەللىسى «ئۈچ ئەل» خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەزالىرى قايتا سەپەرۋەرلىك يىغىنى تەشۋىقات پائالىيىتىگە قاتنىشالمىغان پېشقەدەم يولداشلارنىڭ ئائىلىسىدە يىغىن روھىنى يەتكۈزمەكتە.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى